كۈنەس ناھىيەسىدىكى نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىنىڭ باھار پەسلى خۇددى تەبىئەت پۈتۈپ چىققان رومانتىك داستانغا ئوخشايدۇ. 30 مىڭ مودىن ئاشىدىغان ئىپتىدائىي ياۋا ئۆرۈكلۈك كۈنەس دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تاغ يانباغرىدا جىمجىت تۈستە پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، سۇس ھال رەڭدىكى چېچەك دېڭىزى خۇددى بۇلۇت ۋە تۇمان كەبى ھەممە جاينى قاپلىغانىدى، يېڭى بىخ سۈرگەن يېشىل ئوت-چۆپلەر، بەخىرامان ئوتلاپ يۈرگەن كالا-قويلار، ئۆتكەن-كەچكەن ساياھەتچىلەر قوشۇلۇپ جانلىق ھەم گۈزەل باھار مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى.
بۇ يەردە نامايان بولغان نۇر سايىسى ۋاقىتنىڭ ئىللىق سوۋغىسى بولۇپ، قۇياش نۇرى ئېگىز-پەس تاغ جىلغىسىغا چۈشكەندە، ئېدىرلىقلاردا يورۇق-غۇۋا گىرەلەشكەن گۈزەل سىزىقچىلار پەيدا بولىدۇ. كۈن چىققاندىن كېيىن ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى 2-1 سائەتتە، ئات تۇيىقى شەكىللىك جىلغىدا كىشىنى ھەممىدىن ھاياجانغا سالىدىغان نۇر سايىسى قاتلىمى پەيدا بولىدۇ، بۇ خۇددى تەبىئەت كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرغان سەھنە چىراغلىرىغا ئوخشايدۇ. ھەر يىلى 4-ئايدا تاغ باغرىدىن تاغ قاپتىلىغىچە تەرتىپ بويىچە ئېچىلىدىغان ئۆرۈك چېچەكلىرى «ئىستېرېئولۇق چېچەك مەزگىلى» ئارقىلىق ھاياتلىق رىتىمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ.
فوتوگراف: جاڭ ۋېنتىڭ
«视觉新疆» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى