4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئارتىسلار كورلىنىڭ 2025-يىللىق «نەشپۈت چېچىكى پەسلى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى نەق مەيدانىدا ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى نەشپۈت بازىرىدا، ئادەملەر مىغ-مىغ بولۇپ، نەشپۈت چېچەكلىرى پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. شۇ كۈنى، كورلىنىڭ 2025-يىللىق «نەشپۈت چېچىكى پەسلى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى قىزغىن كەيپىياتتا باشلاندى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ساياھەتچىلەر كورلا شەھىرى كۆنچى دەرياسى بويىدىكى نەشپۈت چېچىكى باغچىسىدا نەشپۈت چېچىكى تاماشاسى قىلماقتا.
«باھار شامىلى بىر كېچىدىلا ھەممە جاينى كىرگۈزدى باھار تۈسىگە، دەل-دەرەخلەر ئاقاردى نەشپۈتنىڭ گۈل-چېچىكىدەك». كورلا شەھىرىدىكى شياڭلى يولى، نەنكۇ يولى، كۇتيې يولى ۋە ھەرقايسى يېزا-بازار، مەيدانلاردىكى 400 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى نەشپۈت چېچىكى بەس-بەستە ئېچىلدى، ساياھەتچىلەر نەشپۈت چېچىكى باغچىسىدا سەيلە قىلىپ، باھاردىكى رومانتىك مەنزىرىلەردىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا، كورلا نەشپۈتى كىشىلەرگە نامايان قىلىنماقتا.
«نەشپۈت چېچىكى پەسلى» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، «شەھەر نام كارتىسىنى بەرپا قىلغۇچى» «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ يول ئىزدىگۈچى» «نەشپۈت شەھىرىدىكى سىياھ ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلغۇچى» «نەشپۈت شەھىرىدىكى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەدەنىيەت-ساياھەتكە ئۇل سالغان دارېنلار» «تەم ئەسلىمىسى قالدۇرغان تائام سەنئىتى دارېنلىرى» قاتارلىق تېمىلار چۆرىدىلىپ، نەشپۈت شەھىرى مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىش بويىچە مېدال بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. نەق مەيداندا قول ھۈنەر-سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە كۆرەك قىلىش ھەم 2025-يىللىق «نەشپۈت چېچىكى پەسلى»دىكى نەشپۈت چېچىكى گۈزەللىرىنى دەسلەپكى تاللاش كۆرىكى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، نەشپۈت گۈزىلى پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئويۇن قويماقتا.
ئەتىياز پەسلى دەل ساياھەتچىلىك جانلانغان مەزگىل، كورلا شەھىرى نەشپۈت چېچىكىنى ۋاسىتە قىلىپ، يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى ئامىللارنى يۇغۇرۇپ، ئېكولوگىيە ۋە سەيلە-ساياھەت، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، تەنھەرىكەت-ئىستىراھەت، زامانىۋىلىق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئىپادىلەش، ساياھەتنى كېڭەيتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئەتىيازلىق كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزدى. «كۈندۈز + كېچە» پۈتۈن كۈنلۈك پائالىيەت شەكلى ئارقىلىق، كۆپلىگەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېس قىلىش رايونىنى تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قاتنىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى، «چىچەك سەيلىسى + تەنھەرىكەت + مەززىلىك تائاملار» بىرىكمە تىپتىكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۆپ قاتلام، كۆپ نۇقتىدىن ھېس قىلىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساياھەتچىلەر پائالىيەت نەق مەيدانىدا بىر-بىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى پائالىيەت نەق مەيدانىدا خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە.
4-ئاينىڭ 12-كۈنى، كۆنچى دەرياسى بويىدىكى نەشپۈت چېچەكلىرى بەس-بەستە ئېچىلدى.
ۋېن شىڭخۇا فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى