ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ) شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2025-يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» − شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى مەملىكەت سىرتىدا كېڭەيتىش پائالىيىتى فىرانسىيە پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش-تونۇشتۇرۇش، ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى، سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى، كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، فىرانسىيەدىكى ئاممىنىڭ كۆز ئالدىدا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، جانلىق بولغان جۇڭگو شىنجاڭ نامايان قىلىندى.
2025-يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» − شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى مەملىكەت سىرتىدا كېڭەيتىش پائالىيىتى فىرانسىيە پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى.
جاۋ چۇڭياڭ فوتوسى
پائالىيەتنى جۇڭگو-چەت ئەل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، پارىژ جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت، كارخانا ساھەسىدىكى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100گە يېقىن كىشى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى