ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ماي باھاسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەڭشىلىدىكەن، ھەر لېتىر ماينىڭ باھاسى 0.4 يۈەندىن 0.42 يۈەنگىچە تۆۋەنلەيدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك ماي باھاسى دەۋرىيلىكىدە ماي باھاسى ئۆرلەشتىن تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەن ھەم تۆۋەنلەش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. خەلقئارا خام نېفىت باھاسىنى ئەمەلىي ۋاقىتتىكى ئۆزگىرىش بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر توننا بېنزىن، دىزېلنىڭ باھاسى 520 يۈەن تۆۋەنلىگەن، سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا ھەر لېتىر بېنزىن، دىزېلنىڭ باھاسى 0.4 يۈەندىن 0.42 يۈەنگىچە تۆۋەنلىگەن.
4-ئاينىڭ 17-كۈنى ماي باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، 50 لېتىرلىق بىر باك ماي قاچىلىغاندا 21 يۈەن ئاز خەجلىنىدىكەن. كەسپىي زاتلار مۇنداق كۆرسەتتى: 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ماي باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور نىسبەتتە تۆۋەنلەش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
«شىنجاڭ 949 قاتناش رادىيوسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى