تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئەڭ يېڭى ئەھۋال! ھال رەڭ گۈل دېڭىزى ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى

بايقىدىڭىزمىكىن

ئۈرۈمچى ئاستا-ئاستا ھال رەڭ بىلەن بېزەلدى

مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ 

 ئۈرۈمچى ئۆرۈك چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى

 چوڭ-كىچىك كوچا، باغچىلارنى پورەكلەپ ئېچىلغان چېچەكلەر قاپلىدى

«يوشۇرۇنۇش نۇقتىسى» بەك كۆپ 

دەرەخلەر ھالرەڭ گۈللەر بىلەن قاپلاندى 

ھەر قېتىم شامال چىققاندا 

دەرەخ شاخلىرىدا ھالرەڭ «دولقۇن» مەۋج ئۇرۇپ 

 دەرەختىن ھالرەڭ «يامغۇر» تۆكۈلەتتى

ھاۋامۇ ناھايىتى ياخشى

يېڭى كىيمىڭىزنى كىيىپ، دەرھال ئاتلىنىڭ!

 ئەڭ ھاياجانلىق 

كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغىنى

 گۈل دېڭىزى بىلەن پويىزنىڭ بىر رامكىدىكى ھالىتى بولۇپ

گويا پويىز باھار تامان يولغا چىققانىدى

بۇ بېكەت تۆمۈريولنىڭ بىر تەرىپىگە يېقىن

 ھەر قېتىملىق پويىزنىڭ ئارىلىقى 10 مىنۇت ئەتراپىدا بولۇپ

بىر رامكىغا چۈشكەن سۈرەتلەرنى ئاسانلا تارتىۋالغىلى بولىدۇ

 ھاۋا ياخشى چاغلاردا 

 قۇياش نۇرى پويىز ۋە ئۆرۈك چېچىكىگە چۈشۈپ 

گۈزەللىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ

تەڭدىشى يوق باھار 
 قىزىل رەڭ بىلەن ھال رەڭ گىرەلىشىپ، باھار مەنزىرىسىگە ئەڭ ماس كەلگەن 

خېبېي شەرقىي يولىدىكى كوچىلاردا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلماقتا 

 ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە قىزىل ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز 

بۇ يەردە چېچەك سەيلىسى قىلساق 

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا يېڭى مەنا قوشۇلىدۇ 

بۇ يەر ھەجۋىي رەسىملەردىكى باھارغا ئوخشايدۇ

 سۈزۈك كۈنلۈك، كىچىك ئەينەك، ئاتكرىتكا، رەسىم رامكىسى 

قاتارلىقلارنى ئېلىۋېلىشىنى ئۇنۇتماڭ

قانداقلا تارتسا چىرايلىق چىقىدۇ

باھارنىڭ گۈزەللىكى 

شەيئىلەرنىڭ جانلىنىشىدا

بىر قىش جىمجىتلىققا چۆمگەن ئاشۇ گۈللەر 

پورەكلەپ ئېچىلىپ رەڭ تۈزەيدۇ

 ئۇلارنى سۆيۈڭ، ئېھتىيات بىلەن ئاسراڭ، گۈللەردىن مەدەنىي ھۇزۇرلىنىڭ 

كېيىنكى تېخىمۇ گۈزەل باھار ئۈچۈن

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
 

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.