ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان «ئانار دانىسى لوڭقىسى» 2025-يىللىق قىزىلسۇ ئوبلاستى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاتۇش شەھەرلىك پۇتبول باغچىسىدا باشلاندى. جۇڭگو كەسپىي پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى بىرلەشمىسى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ھەمدە جياڭسۇ، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، جۇڭگو بانكىسى «جۇڭيىن سەنشىڭ» ئۆمۈر سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئورۇن ۋە ئاپپاراتلاردىن كەلگەن مېھمانلار نەق مەيداندا مۇسابىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە بولغان سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.
سەككىز ئاي داۋاملىشىپ 800 مەيدان ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقىگە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىن كەلگەن 116 كوماندا قاتنىشىپ، چوڭلار گۇرۇپپىسى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە مۇسابىقە ئوينايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ياش-ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىدىن مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا 100 بولۇپ، U 9 ( ئوغۇل-قىز)، U 11 ( ئوغۇل-قىز )، U 13 (ئوغۇل-قىز )، U 15 ( ئوغۇل-قىز) دىن ئىبارەت سەككىز گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ. بارلىق مۇسابىقە ھەپتە ئاخىرى، ھېيت-بايرام ۋە يازلىق تەتىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بىرلەشمە مۇسابىقە مەزگىلىدە، ئوبلاستتىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئۆزگىچە بايراملىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، «ماناس» مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى، پۇتبول مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش يانداش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، پۇتبول ئوماقلىرى قىزغىن ئويۇن كۆرسىتىپ باشلىنىش مۇراسىمىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىۋەتتى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، «ئانار دانىسى لوڭقىسى» 2025-يىللىق قىزىلسۇ ئوبلاستى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ساليوت ئېتىلدى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، «ئاتۇش خۇيلېمېي پۇتبول كوماندىسى» بىلەن «ئاقتۇ مۇزتاغ پۇتبول كوماندىسى» پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇسابىقىلەشمەكتە.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، «ئاتۇش خۇيلېمېي پۇتبول كوماندىسى» بىلەن «ئاقتۇ مۇزتاغ پۇتبول كوماندىسى» پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇسابىقىلەشمەكتە.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، قىزغىن ئاتۇش پۇتبول مەستانىلىرى.