خۇش خەۋەر!
ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسىدە «ئايروپورت تېز تىرانسپورت سىستېمىسى»نىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈپ تەسىس قىلىنىشى بىلەن
ۋوگزال ئىچىدە يوچۇقسىز ئالمىشىش ئارقىلىق
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونىغا بىۋاسىتە بارغىلى بولىدىغان بولدى
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى بىلەن مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ خەلقئارا ئايروپورت بېكىتى ئارىسىدا «ئايروپورت تېز تىرانسپورت سىستېمىسى» يۈرۈشلەشتۈرۈپ تەسىس قىلىندى. بۇ سىستېمىدا ئىشلىتىلگەن مېترو تىپى مېترو 1-لىنىيەسىگە سېلىنغان مېترو تىپى بىلەن بىردەك، ھەر قېتىمدا تەخمىنەن 2000 يولۇچىنى توشۇيالايدىغان بولۇپ، مېتروغا ئولتۇرۇپلا شەھەر رايونى بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى ئارىسىدا قاتناشتەك سەپەر ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
بۇ سىستېما مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ خەلقئارا ئايروپورت بېكىتى بىلەن شىمالىي ئاۋىياتسىيە بىناسىنى يوچۇقسىز تۇتاشتۇرىدۇ، يولۇچىلار كۆرسەتمە بويىچە ھەقسىز ئولتۇرالايدۇ. قاتناش ۋاقتى مېترو 1-لىنىيەسى بىلەن ماس قەدەمدە بولىدۇ، تۇنجى قېتىمقىسى سائەت 7:40، ئاخىرقى قېتىمقىسى سائەت 23:40تە ماڭىدۇ.
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى