ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن خەۋىرى، فوتوسى) «مەن ۋە دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ۋاسكېتبول ھەۋەسكارى، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى بار دەپ ئاڭلاپ، ئالايىتەن ھوزۇرلانغىلى كەلدىم» دېدى شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ مىن 4-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى «ئۈچ چوڭ توپ» 2025-يىللىق تىيانشان رايونى 3V3 كوچا ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(كوچا BA) ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان ۋەنكې مەيدانىدا باشلاندى، بۇ رايوندىكى ھەرقايسى كوچا باشقارمىسى ۋە ئورۇنلاردىن كەلگەن 16 سەرخىل ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسى تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىغا بىر مەيدان ئېسىل ۋاسكېتبول كاتتا مەرىكىسىنى سۇندى.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى «ئۈچ چوڭ توپ» 2025-يىللىق تىيانشان رايونى 3V3 كوچا ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (كوچا BA) ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نەق مەيدان.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى «ئۈچ چوڭ توپ» 2025-يىللىق تىيانشان رايونى 3V3 كوچا ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (كوچا BA) مۇسابىقە مەيدانىدا، ماشىنا ئىت ئېسىل ھەم ھەرىكەتچان يۇقىرى پەن-ېخنىكىلىق نومۇرلارنى كۆرسەتمەكتە.
بۇ قېتىمقى «كوچا BA» مۇسابىقىسى 9-ئايدا ئاياغلىشىدىكەن، مۇسابىقە بەش ئايغا يېقىن داۋاملىشىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، مۇسابىقە تىيانشان رايونىدىكى ئاساسلىق سودا كوچىسى، باغچە قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئاممىنىڭ ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى پۇرسەت بىلىپ قانات يايدۇرۇلغان ئىشتىن سىرتقى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ ۋاسكېتبول مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر قېزىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «كوچا BA» ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى داڭلىق ماركىسى يارىتىلىپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مەدەنىيەت-ساياھەت ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلىدىكەن، شۇنداقلا بۇ، رايوننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، «ئۈچ چوڭ توپ» تەنھەرىكىتىنى كېڭەيتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىنىدىكەن.
4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى« ئۈچ چوڭ توپ» 2025-يىللىق تىيانشان رايونى 3V3 كوچا ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(كوچا BA) نەق مەيدانىدا، شەكىل چىقىرىپ ۋاسكېتبول ئويناش ئۆسمۈرلىرى ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرىغا ۋاسكىتبول ماھارىتىنى كۆرسەتمەكتە.
بۇ قېتىمقى ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، تىيانشان رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى(رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى « ئۈچ چوڭ توپ» 2025-يىللىق تىيانشان رايونى 3V3 كوچا ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(كوچا BA) نەق مەيدانىدا، تاماشىبىنلار مۇسابىقە كۆرمەكتە ۋە سۈرەتكە تارتماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى