□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن جىن، ئىختىيارىي مۇخبىر خوۋ بىنبىن
بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنتلىرىدە پائالىيەتچان بىر ئالاھىدە قوشۇن بار بولۇپ، قوشنىلار ئارىسىدىكى ماجىرا، ئائىلە زىددىيەتلىرىنى مەخسۇس ھەل قىلىدۇ، مانا بۇ بۈگۈر ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلغان يېزا - كەنت «ئاقىللار ئۆمىكى».
يېقىندا، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ قاراباغ يېزىسىدىكى بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدە كەيپىيات جىددىي بولۇپ، مەي X ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن يەر ماجىراسى سەۋەبىدىن قىزىرىشىپ قالدى. ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن بىر پارچە كېۋەزلىكنى تالىشىپ قالدى، ئەسلىدە بۇ يەرنى بىر ئائىلە يېرىمدىن بۆلۈشۈشنى كېلىشكەنىدى، يەڭگىسى ئۆزلىرىگە تەقسىملەنگەن يەرنىڭ قېيىنئىنىسىنىڭ يېرىدىن كىچىك ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئادىل بولمىدى دەپ قارىدى. ئىككى ئائىلە بۇ ئىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم تالاش - تارتىش قىلدى، يېزا - كەنت ئىككى دەرىجىلىك كادىرلار بىرلىشىپ مۇرەسسە قىلدى، كۆرۈنۈشتە تالاش - تارتىش ۋاقتىنچە پەسەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ كۆڭلىدە قايىل بولمىدى.
بۈگۈر ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاراباغ ساقچىخانىسى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يېزا - كەنت «ئاقىللار ئۆمىكى»نى مۇرەسسەگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۈچ كۈن ئىچىدە، «ئاقىللار ئۆمىكى» دەسلەپكى ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، ئەتراپتىكى ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئاساسىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، يەر پاسىلىنى قايتىدىن ئايرىدى، يەنە ئىككى تەرەپكە «ليۇچىشياڭ» ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى، ئاخىرىدا ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەننىڭ قول ئېلىشىپ يارىشىپ قېلىشىغا تۈرتكە بولدى.
بۇ يىل 1 - ئايدا، بۈگۈر ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يېزا - كەنت «ئاقىللار ئۆمىكى» قۇردى. «ئاقىللار ئۆمىكى» خەلق ياردەمچى ساقچىلىرى، كەنت كادىرلىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، خەلق مۇرەسسەچىلىرى ھەم «قانۇننى چۈشىنىدىغان ئادەم»لەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار قوشنىلار ۋە يۇرتداشلار ئارىسىدا قاتراپ، خۇددى دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇردەك، ئەقىل - پاراسەت ۋە دەل جايىدا مۇرەسسە قىلىشقا تايىنىپ، ماجىرالارنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلدى.
«قالغان قەرزنى ئالدىڭىزمۇ؟» «ئالدىم، ھېلىمۇ ياخشى <ئاقىللار ئۆمىكى> ئوتتۇرىغا چىقىپ، باش قېتىنچىلىقىمنى ھەل قىلدى، ئاچام ئىككىمىزمۇ يارىشىپ قالدۇق.» 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، قاراباغ ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى قەرز ئېلىش ماجىراسىغا ئالاقىدار گۇ Xنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدى، گۇ Xنىڭ جاۋابى خەلق ساقچىلىرىنى خاتىرجەم قىلدى.
بۇلتۇر 2 - ئايدا، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭسار بازىرى قارادۆڭ كەنتى ئاھالىسى ئا X ئاچىسى گۇ Xتىن 30 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان، گۇ X سىڭلىسىغا ئىشەنگەنلىكتىن ئا Xكە قەرز ھۆججىتى يازدۇرماي، قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئاغزاكى پۈتۈشكەن. قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئا X كەينىگە سۆرەپ قايتۇرمىغان، گۇ X كۆپ قېتىم ئۆيىگە بېرىپ سۈيلىگەن بولسىمۇ، ئا X سايىسىنىمۇ كۆرسەتمىگەن.
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، گۇ X تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. خەلق ساقچىلىرى يېزا - كەنت «ئاقىللار ئۆمىكى» بىلەن بىرلىشىپ ئىككى تەرەپنى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا چاقىرىپ كەلدى. كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بېسىلىپ قالغان كەيپىياتى بىردىنلا پارتلاپ، ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ جېدەللەشتى.
«ئاقىللار ئۆمىكى» دەرھال ئۇلارنىڭ جېدىلىنى پەسەيتتى، ئىككىيلەن پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۇلارغا ئايرىم - ئايرىم نەسىھەت قىلدى.
ئا X بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ، مائاشىنى ئىزچىل ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاچىسىنىڭ پۇلىنى قايتۇرالماي، ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى ئېيتتى. «ئاقىللار ئۆمىكى» گۇ Xكە ئا Xنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا يېتەكلىدى. ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق، ئا X نەق مەيداندا گۇ Xكە قەرزنىڭ يېرىمىنى بەردى، قالغىنىنى كېلەر ئايدا قايتۇرۇشقا ۋەدە بەردى. ئارقىدىن، ئا X گۇ Xتىن كەچۈرۈم سورىدى، ئىككىيلەن يارىشىپ قالدى.
«ئاقىللار ئۆمىكى» كىشىلەرنى پىششىق بىلىش، يەرنى پىششىق بىلىش، ئەھۋالنى پىششىق بىلىشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە بولغاچقا، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندا ئامما تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. ماجىرانى بىر تەرەپ قىلغاندا، «ئاقىللار ئۆمىكى» ئېتىز بېشىدا ياكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە، شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا «مۇرەسسە چاسا ئەترىتى» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، زىچ ماسلىشىپ، تۈگۈننى تەھلىل قىلىپ، ھېسسىيات بىلەن ئەقىلنى تەڭ ئىشلىتىپ، زىددىيەتنى تېز ھەل قىلىدۇ.
بۈگۈر ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يېزا - كەنت «ئاقىللار ئۆمىكى»گە تايىنىپ، بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تىزىملاش، ھۆكۈم قىلىش، مۇرەسسە قىلىش، قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانلىق ماجىرا ھەل قىلىش خىزمەت زەنجىرى بەرپا قىلدى، ھەل قىلىنىپ بولغان زىددىيەت - ماجىرالارغا قارىتا، خەلق ساقچىلىرى تېلېفون بېرىش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇپ، دەۋالاشقۇچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، مۇرەسسە نەتىجىسىنى سىجىل پۇختىلاپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى «بالدۇر تۈگىتىش، كىچىك ھالىتىدە تۈگىتىش»نى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى.