تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قىسقا سىن ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى نۇرلاندۇرغان «گۈلشەن»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

«تۇرپاندا ئۆرۈك چېچەكلىدى، شىركىتىمىزنىڭ رىياسەتچىسى ھەر كۈنى ئۆرۈك دەرىخى ئاستىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، نۇرغۇن مەستانىنى جەلپ قىلدى» دېدى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، 90 - يىللاردا تۇغۇلغان ۋاڭخۇڭ «گۈلشەن».

«گۈلشەن»نىڭ ئەسلىي ئىسمى زۇلخۇمار ئەنۋەر بولۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ يار بازىرى يار كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۇ شىنجاڭنىڭ رايون مەدەنىيىتىنى ئىچكى يادرو قىلىپ ئىشلىگەن قىسقا سىن ئارقىلىق كۆپلىگەن مەستانىلەرنى جەلپ قىلدى.

زۇلخۇمار مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ ئىلگىرىكى سىرتتا ئوقۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش كەچۈرمىشىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن شىنجاڭ سىرتىدىكى نۇرغۇن دوستلارنىڭ شىنجاڭنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، ئەمما شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدىم. ھەر قېتىم دوستلارنىڭ ھەۋەس بىلەن قاراشلىرىنى كۆرسەم، تۇرپاندىكى ئائىلە تۇرمۇشۇمنى سىنغا تارتىپ ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويۇشنى ئويلايتتىم، شىنجاڭدىكى خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارغا كۆرسىتىپ قويۇشنى ئويلايتتىم».

زۇلخۇمار شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە، ئىگىلەشكە باشلىدى، ئۇ يەنە كەنتتىكى ياشانغانلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق خام ماتېرىيال توپلىدى.

2022 - يىلى، «گۈلشەن» نامىدىكى سىنلار توردا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. زۇلخۇمار مۇنداق دېدى: «بۇ تور نامى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىن كەلگەن، مەن گۈزەل شىنجاڭلىق قىز ئارقىلىق كۆپچىلىككە شىنجاڭ خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

زۇلخۇمارنىڭ سىنلىرىدا ئاتا - بوۋىسىدىن قالغان ئۆيلەر سۈرەتكە ئېلىنغانىدى، ئۇ ئۇچىسىغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، زىبۇ - زىننەتلىرىنى تاقاپ، ئۆرۈك چېچەكزارلىقىدا مېڭىپ، ئۈزۈم بارىڭىدىن ئۆتەتتى، كارىز بويىدا يېمەكلىكلەرنى يۇيۇپ، تونۇردا مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى پىشۇراتتى... شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىدىن نەپىس قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىغىچە، قايناق بازارلاردىن جىمجىت يېزا - كەنتلەرگىچە، ئۇنىڭ قىسقا سىنلىرىدا شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ - ئادىتى تولۇق ئىپادىلەندى. دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق سۇپىلاردا ئېلان قىلىنغان «ئۈجمە قەغىزى ياساش ھۈنىرى» «ياغاچ تامغىدا رەختكە گۈل بېسىش ھۈنىرى» قاتارلىق 100دىن ئارتۇق قىسقا سىن 400 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىنى ئەگىشىشكە جەلپ قىلدى.

«بىر مىنۇت ئەتراپىدىكى سىننى مەن بىر ھەپتە، ھەتتا بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ سۈرەتكە ئېلىشىم مۇمكىن. بولۇپمۇ قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى سىنىنى ئىشلەشتە كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، كۆڭلۈمدە ۋاز كېچىش ئويى پەيدا بولاتتى، لېكىن ھەر قېتىم سىن كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلارنىڭ شىنجاڭنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ئىپادىلىگىنىنى كۆرگىنىمدە، غەيرىتىم يەنە تولۇپ تاشاتتى.» زۇلخۇمار مۇنداق دېدى: ئائىلەمدىكىلەر مېنى ناھايىتى قوللايدۇ، ئېرىم سىنغا ئېلىش تېخنىكىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، سىنغا ئېلىشنى ئازراقمۇ بىلمەيدىغان ئادەمدىن «گۈلشەن»نىڭ مەخسۇس سىنغا ئالغۇچىسىغا ئايلاندى. ئەر - خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزدا، بىز ئىشلىگەن 200دىن ئارتۇق قىسقا سىن تورداشلارنىڭ ئالدىدا بىر - بىرلەپ نامايان بولدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، زۇلخۇمار شىنجاڭ گۈلشەنيا ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەردىن ياشلارنى قوبۇل قىلدى. زۇلخۇمار ئۇلارنى قىسقا سىن سۈرەتكە ئېلىش ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش بويىچە تەربىيەلەپ، تۇرپاننىڭ خەلق ئۆرپ - ئادىتى ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلدى.

«كېيىنكى قەدەمدە، مەن ۋە مېنىڭ كوللېكتىپىم تېخىمۇ جانلىق، قىزىقارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخىنى تورداشلارغا نامايان قىلىمىز.» زۇلخۇمار مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز كامېرالىرىمىز ئارقىلىق كەنتتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.