تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ دۆلەت دەرىجىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى قۇرۇش تەستىقىغا ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۇنشياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى (بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى يېقىندا رەسمىي تەستىق سېلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىغا قوشۇلغان، بۇ مەركەز پۈتكەندىن كېيىن دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تېز ھەمكارلىشىپ قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

پۈتكەندىن كېيىنكى دۆلەت دەرىجىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى پاتېنتنى تېز ئالدىن تەكشۈرۈش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى تېز بېكىتىش، ھوقۇقنى تېز قوغداش قاتارلىق بىر پونكىت شەكلىدىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش يولىغا كىرمەكچى بولغان كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنى ئەنگە ئېلىپ باشقۇرىدۇ ھەم تىزىملىكنى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىگە يوللايدۇ. ئالدىن تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان پاتېنت دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ پاتېنتنى تېز تەكشۈرۈش يولىغا بىۋاسىتە كىرگۈزۈلۈپ، پاتېنت تەكشۈرۈش دەۋرىيلىكى زور دەرىجىدە قىسقارتىلىدۇ، كەشپىيات پاتېنتىنى تەكشۈرۈش دەۋرىيلىكى ئوتتۇرىچە 16 ئايدىن ئۈچ ئايغا قىسقارتىلىدۇ، ئەمەلىي قوللىنىشچان يېڭى تىپتىكى پاتېنتنى تەكشۈرۈش دەۋرىيلىكى بىر ئايغا قىسقارتىلىدۇ، تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنتىنى تەكشۈرۈش دەۋرىيلىكى بەش - يەتتە خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىدۇ. بۇ مەركەز يەنە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىش، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش ھەمدە مەملىكەت سىرتىغا چېتىشلىق ماجىرالارغا تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق تېز سۈرئەتتە ھوقۇقنى قوغداش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئەمەلدارى تۈزۈمى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىن پايدىلىنىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىنى كەسپىي تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاتېنتنى تەھلىل قىلىش ۋە يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت دەرىجىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تىرەك بولۇپ، يەرلىكتىكى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرگە يۈزلىنىپ، كەسىپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەر تەرەپلىمە قوغداشنى قانات يايدۇرىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك فۇنكسىيەلىك سۇپىسى، ئۇنىڭ شىنجاڭغا ماكانلاشقانلىقى شىنجاڭدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تېز ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «قاتتىق قوغداش، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، تېز قوغداش، باراۋەر قوغداش»تىن ئىبارەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يەرلىكنىڭ كەسىپ ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

پۈتكەندىن كېيىنكى دۆلەت دەرىجىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى قاراماي شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى بىلەن ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، بىر پونكىت شەكلىدىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەر تەرەپلىمە قوغداش قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشىگە كۈچ قوشىدۇ.

نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 29 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە دۆلەت دەرىجىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىدىن 77سى قۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە رايونى قاتلىمىدا قۇرۇلغىنىدىن 23ى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.