□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۈي
يۇرتىنى سېغىنغان زو زۇڭتاڭ سۆگىتى، شەرەپ بىلەن يۇرتىغا قايتتى. تاغ - دەريالار تۇتىشىپ تۇرار، چىنار بىلەن سۆگەت بىر - بىرىگە باقتى. 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى زۇڭتاڭ يولى زو زۇڭتاڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىدىكى سۇمۇرغ سۇپىسى بارگاھىدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىرلىكتە زو زۇڭتاڭ سۆگىتى تىكىپ، جۇڭخۇا روھىنى ئورتاق تاۋلاش» باش تېمىسىدىكى 2025 - يىللىق زو زۇڭتاڭ سۆگىتى «سۆگەت تىكىش كۈنى» پائالىيىتىدە، كىشىلەر شىنجاڭنىڭ زو زۇڭتاڭ سۆگىتى كۆچىتىنىڭ خۇنەن، خېنەندىن ئىبارەت ئىككى جايغا تىكىلگەنلىكىدەك ھاياجانلىق مەنزىرىگە گۇۋاھ بولدى.
«<زو زۇڭتاڭ سۆگىتى> خۇنەن، خېنەن، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۈچ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئونمىڭ چاقىرىملىق دۆلەت رىشتىنى تۇتاشتۇردى.» «سۆگەتنى سېغىنىش» ھالقىسىدا 2025 - يىللىق «بىرلىكتە زو زۇڭتاڭ سۆگىتى تىكىپ، جۇڭخۇا روھىنى ئورتاق تاۋلاش − زو زۇڭتاڭ سۆگىتى يۇرتىنى سېغىندى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يۆياڭ شەھىرى شياڭيىن ناھىيەسىدىكى زو زۇڭتاڭنىڭ يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن چاغدىكى سىن قويۇلدى، شياڭيىن ناھىيەسى زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى يى شياۋۋۇ مۇنداق دېدى: شياڭيىن ناھىيەسى زو زۇڭتاڭنىڭ يۇرتى، قومۇل زو زۇڭتاڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغان چاغدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي، قېپقالغان ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن تۇرغان جاي، بۇ ئىككى جاي ئارىسىدا زو زۇڭتاڭ سەۋەبلىك چوڭقۇر رىشتە ئورنىتىلدى، «زو زۇڭتاڭ سۆگەتلىرىنىڭ يۇرتىنى سېغىنىشى» پائالىيىتى بىر قېتىملىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش بولدى، قومۇل بىلەن شياڭيىننىڭ ئالاقىسى زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت رىشتىسى ئارقىلىق تېخىمۇ قويۇقلاشتى.
قومۇل شەھىرى، شياڭيىن ناھىيەسىنىڭ «زو زۇڭتاڭ سۆگەتلىرىنى ئورتاق تىكىپ، جۇڭخۇا روھىنى ئورتاق تاۋلاش − زو زۇڭتاڭ سۆگەتلىرىنىڭ يۇرتىنى سېغىنىشى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى شياڭيىن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، قومۇل شەھىرى، يۆياڭ شەھىرى ھەم شياڭيىن ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، شياڭيىن ناھىيەسى زو زۇڭتاڭ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ ھويلىسىدا ۋە زو زۇڭتاڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى ليۇجۇاڭ قورۇقىدا بىرلىكتە «3 - ئەۋلاد زو زۇڭتاڭ سۆگەتلىرى»نى تىكتى، كۆچۈرۈپ تىكىلگەن 20 تۈپ «3 - ئەۋلاد زو زۇڭتاڭ سۆگىتى» قومۇلدىكى يۈز يىللىق زو زۇڭتاڭ سۆگەتلىرىنىڭ ئانىلىق تۈپىدىن كەلگەن، ھەممىسى تىكىلگىنىگە بىر يىلدىن ئاشقان كۆچەتلەر ئىدى. زو زۇڭتاڭ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ليۇ لىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «زو زۇڭتاڭ سۆگەتلىرىگە چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن، شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەن زو زۇڭتاڭ سۆگەتلىرىنىڭ مەكتەپ ھويلىسىغا تىكىلىشى جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى. بىز چوقۇم بۇ كۆچەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسراپ، ئۇلارنى مەكتەپ ھويلىسىدا ساغلام ئۆسۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».
تاغ - دەريالار بىر - بىرىگە تەلپۈنىدۇ، خېنەن بىلەن قومۇلنىڭ رىشتى چوڭقۇر. قومۇل شەھىرىنىڭ 2025 - يىللىق زو زۇڭتاڭ سۆگەتلىرى «سۆگەت تىكىش كۈنى» پائالىيىتىدە، خېنەن كەيفېڭ خۇاڭخې دەرياسى دەريا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جۇڭفېڭ قومۇل شەھىرىگە بەش تۈپ جياۋ يۈلۇ چىنار دەرىخى كۆچىتى سوۋغا قىلدى.
20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، يولداش جياۋ يۈلۇ لەنكاۋ ناھىيەسىدىكى ئاممىنى باشلاپ كەلكۈن - ھۆلچىلىك، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، چىنار كۆچەتلىرىنى تىكتى. بۈگۈنكى كۈندە، كۆچەتلەر كۆككە تاقاشقان دەرەخكە ئايلىنىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «جياۋ يۈلۇ چىنار دەرىخى» دەپ ئاتالدى. «جياۋ يۈلۇ چىنار دەرىخى» جياۋ يۈلۇ روھىنىڭ سىمۋولى.
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، خۇاڭخې دەرياسى سۇچىلىق كومىتېتى، خېنەن خۇاڭخې دەرياسى دەريا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، قومۇل شەھىرى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەپ، قومۇلدىن كەلتۈرۈلگەن 666 تۈپ زو زۇڭتاڭ سۆگىتى كۆچىتىنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيفېڭ شەھىرىدىكى لىن زېشۈ جىخې مەدەنىيەت مەيدانىغا كۆچۈرۈپ تىكىپ، لىن زېشۈ بىلەن زو زۇڭتاڭنىڭ ئەينى يىللاردىكى «شياڭجياڭ دەرياسى بويىدا كېچىدە قىلىشقان پاراڭلىرى»نى خاتىرىلىدى.
1850 - يىلى، 65 ياشلىق لىن زېشۈ ئالايىتەن چاڭشانى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، شياڭجياڭ دەرياسىدىكى كېمىدە زو زۇڭتاڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككىيلەن چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرى، ئىستىقبالىنى چۆرىدەپ تارىخىي خاراكتېرلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىنىڭ تارىخى باشقىدىن يېزىپ چىقىلغان. كەيفېڭ شەھىرىدىكى لىن زېشۈ جىخې مەدەنىيەت مەيدانىدىكى ھەيكەل «خېشەندۈي» دەل مۇشۇ بىر بۆلەك تارىخنىڭ نامايەندىسى.
«لىن زېشۈ خېنەندە خۇاڭخې دەرياسىنى ئىدارە قىلدى، زو زۇڭتاڭ قومۇلدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆستەڭ چاپتۇردى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش روھى تومۇرداش بولۇپ كەلدى. يەنە <جياۋ يۈلۇ چىنار دەرىخى> تېخىمۇ مۇھىمى يولداش جياۋ يۈلۇ ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىدىكى سىمۋوللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. زو زۇڭتاڭ سۆگىتىنىڭ خېنەنگە كىرگۈزۈلۈشى، جياۋ يۈلۇ چىنار دەرىخىنىڭ شىنجاڭغا كىرگۈزۈلۈشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك» دېدى قومۇل زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش كاتىپ خاۋ چاڭلى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم خېنەنگە كۆچۈرۈپ تىكىلگەن قومۇل زو زۇڭتاڭ سۆگەتلىرى دىيامېتىرى 20 سانتىمېتىر، تىكىلگىنىگە ئون يىل بولغان ئالتە تۈپ يېتىلگەن دەرەخ، دىيامېتىرى بىر سانتىمېتىردىن يۇقىرى، تىكىلگىنىگە بىر يىل بولغان 660 تۈپ كۆچەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالتە تۈپ يېتىلگەن دەرەخ ئايرىم - ئايرىم ھالدا خۇاڭخې دەرياسى سۇچىلىق مىراسى − لىنگۇڭ توسمىسىنىڭ غەربىي باشلىنىش نۇقتىسى ۋە تۇتاشقان جايىغا تىكىلگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر دەل - دەرەخ بەلگە تاختىسىدىكى ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلسا، قومۇل زو زۇڭتاڭ سۆگىتىنىڭ تارىخىنى چۈشىنەلەيدىكەن.
«قومۇل شەھىرى <سۆگەت تىكىش كۈنى>نى ۋاسىتە قىلىپ، زو زۇڭتاڭ سۆگەت تىككەن تارىخىي خاتىرىنى قايتا نامايان قىلىش ئارقىلىق، <زو زۇڭتاڭ سۆگىتى>دىن ئىبارەت بۇ دۆلەت مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەت بەلگىسىنى سىستېمىلىق بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.» قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، قومۇل زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلقى «سۆگەت تىكىش كۈنى» پائالىيىتىدە سۆگەت ۋاسىتە قىلىنىپ، خۇنەن، خېنەن، قومۇلدىن ئىبارەت ئۈچ جاي تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيە قىممىتى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ماھىيەتلىك مەزمۇنغا تەڭ ئىگە بولغان ئاممىۋى مۇراسىم كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئەۋج ئالدۇرۇلدى. كەلگۈسىدە، قومۇل شەھىرى زو زۇڭتاڭغا دائىر تارىخ - مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى داۋاملىق قېزىپ، مەملىكەت بويىچە بەلگىلىك تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان زو زۇڭتاڭغا دائىر تارىخ - مەدەنىيەت ماركىسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، ئۇنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى جانلىق ئۆرنەككە ئايلاندۇرىدۇ.