تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 - پەسىلدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ يۈك، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50كە يېقىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ يۈك، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مىقدارى 75 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.51 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئىچىدە توشۇلغان يۈك مىقدارى 53 مىڭ 200 توننا ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشقان. خەلقئارا كەسىپنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغان، يۈك توشۇش مىقدارى 21 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئون ھەسسە تېز ئاشقان، خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش قېتىم سانى 1142 ئايروپىلان قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %482.65 ئاشقان، 3 - ئايدا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارى 493 قېتىمغا يېتىپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرغاندا 153 قېتىم كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 417 قېتىم ئاشقان.

شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ تيەنيى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېڭىلىق يارىتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا يوللانمىلىرىنى ئايرىش - تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى بەرپا قىلىپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇش، «24 × 7 سائەت» تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يەككە تالون بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقىت ئۈنۈمىنى تەخمىنەن 30 مىنۇتقا قىسقارتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ 13 مىڭ 300 توننىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولدى، سودا سوممىسى 1 مىليارد 898 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ھەسسىلەپ ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى شىركەتنىڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %34.5ىنى ئىگىلەپ، خەلقئارا كەسىپنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يادرولۇق موتورغا ئايلانغان.

تيەنيى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى شىركىتى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى شىنجاڭ تيەنيى تۆۋەن بوشلۇق ئەشيا ئوبوروتى تىجارەت مەركىزىنى قۇردى، بۇ، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدە «غول لىنىيە ئاۋىياتسىيەسى + تارماق لىنىيە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى + ئاخىرقى ئۇچتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەقسىملەپ يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت ئىستېرېئولۇق ئەشيا ئوبوروتى يېڭى دەۋرىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1 - پەسىلدە، تيەنيى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى شىركىتىنىڭ تارماق لىنىيەدە ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈك توشۇش مىقدارى 180.5 توننىغا، شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىرىلغان مال مىقدارى 5796 توننىغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تورى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى، ناھىيە رايونىدىكى شۆبە شىركەتلەرنىڭ يۈك، پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %87كە يەتتى.

نۆۋەتتە، تيەنيى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھەمدە شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، داۋالاش جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز يوللانمىسى قاتارلىق كۆپ خىل ماددىي ئەشيالارنى توشۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان بولۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈرۈمچى، ئالتاي، قەشقەر قاتارلىق جايلارنى قاپلىدى. كەلگۈسىدە، تيەنيى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى شىركىتى «غول لىنىيە ئاۋىياتسىيەسى + تارماق لىنىيە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى + ئاخىرقى ئۇچتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەقسىملەپ يەتكۈزۈش» بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۈچ كىلوگىرامدىن 50 كىلوگىرامغىچە بولغان پۈتۈن ئىسپېكتىرلىق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ تىپى بىلەن قاپلانغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى تورى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ناھىيە دەرىجىلىك تۈگۈن نۇقتىلىرىغا ئىككى سائەتتە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.