تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى - مەدەنىيەت - ساياھەتتىن ئىبارەت «ئۈچ زەنجىر»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، «يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن يېزا - كەنت ساياھىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە يېزا - كەنت مەدەنىيىتى بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ خاسلىشىش، سەرخىللىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، «يېزا ئىگىلىكى + مەدەنىيەت + ساياھەت»تىن ئىبارەت «ئۈچ زەنجىر»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى، يېزا - كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش تۈرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك تېز كۆپىيىپ مەيدانغا كەلدى، «ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپلەر گۈللەنگەن، پۇقرالار بېيىغان» دەۋر مەنزىرىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تەدرىجىي نامايان بولماقتا.

زەنجىر بايلىققا تۈرتكە بولدى

«قۇملۇقتىكى يېگانە ئارال»دىن ساياھەت مۇنبەت تۇپرىقىغىچە

«بۇ يەر بىز ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلگەن قەدىمىي جاي، ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى ئاساسلىقى قوي بېقىش، توشقانزەدىكى تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ھازىر ئائىلىۋى مېھمانخانا، ئەتكەنچاي دۇكىنى ۋە قەھۋەخانىلار ئېچىلدى.» 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مەمتىمىن دامان دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريابويى يېزىسى دەريابويى قەدىمىي كەنتىگە كەلدى.

ئېكسپېدىتسىيە ھەۋەسكارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دەريابويى قەدىمىي كەنتى ئەڭ كېيىن بايقالغان ئىپتىدائىي كەنت بولۇش سۈپىتى بىلەن سىرلىقلىققا تولغان بولۇپ، كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە، تەبىئىي ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىدىكى سەرخىل مەنزىلگاھ ھېسابلىنىدۇ. 2024 - يىلى، دەريابويى قەدىمىي كەنتى ئۆزگىچە يەر شەكلىگە تايىنىپ جەلپ قىلغان ساياھەتچى 90 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

«ساياھەتچىلىك باقمىچىلىق، تېرىقچىلىقتىن كېيىنكى 3 - تۈۋرۈك كەسپىمىزگە ئايلاندى.» دەريابويى يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ھەسەنجان ئوبۇلھەسەن مۇنداق تونۇشتۇردى: 400دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ساياھەتچىلىككە قاتناشتى، توشقانزەدىكى، قوي گۆشى قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنى كەنتتىن چىقارماي تۇرۇپلا ساتقىلى بولىدۇ، ئىلگىرى ياشلارنى تۇتۇپ قالغىلى بولمايدىغان قەدىمىي كەنت بۈگۈنكى كۈندە زور بىر تۈركۈم ياشنى يۇرتىغا قايتىپ مۇلازىمەتچىلىك، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھەتچىلىرىگە يول باشلاش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ «ساياھەت +» كۆپ كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرما ئەندىزىسى ھەممىلا جايدا بارلىققا كەلمەكتە.

ئاتۇش شەھىرىدە، ئەنجۈر كەسپى بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى، سۇنتاغ بازىرىنىڭ ئازغان كەنتى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىپ، ئەنجۈر يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھۈنەرخانىسى ۋە دېھقانلار رەسىمى تەتقىقات - ئۆگىنىش سارىيى قاتارلىقلار ئارقىلىق، مېۋە مۇرابباسى، مېۋە ناننى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى؛ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شەھەرئىچى يېزىسىنىڭ ئالتۇن كەنتى ئالتۇن قەدىمىي كوچىسىغا تايىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئاساس قىلىپ، مۇقام سەنئىتى، كەشتىچىلىك بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ، بۇلتۇر 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ئەتراپتىكى بەش كەنتتىكى 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ساياھەت مۇلازىمىتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

2024 - يىلى، شىنجاڭدا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ھەم ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى تەخمىنەن 514 مىڭ 100 بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

زەنجىر مەدەنىيەتنى جانلاندۇردى

قەدىمىي كەنتتىكى يېڭى تۈس «ئارزۇدىكىدەك جاي»نى ساقلاپ قالدى

سۈپسۈزۈك قۇرداي دەرياسى قاراجون چوڭ يايلىقىنى ئەگرى - بۈگرى كېسىپ ئۆتۈپ، تىيانشان ئېتىكىدىكى چوڭقۇشتاي كەنتىگە ئېقىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلمەكتە. كەنت تاغقا يېقىن، سۇغا يانداش، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، قەدىمىي تۈستىكى ياغاچ ئۆي، رەڭدار خەلق ئۆرپ - ئادىتى ھەممىلا جايدا ئەنئەنىۋى ئەقىل - پاراسەتنىڭ جەۋھىرىنى مۇجەسسەملەپ كەلمەكتە. «ئۇيسۇن قەدىمىي يولىنىڭ شىمالىي كىرىش ئېغىزى» دېگەن ماركا كەنتنى تېخىمۇ چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە قىلدى.

كىشىلەرنىڭ ئانچە دىققىتىنى تارتىپ كەتمەيدىغان ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق كەنتىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان «ۋاڭخۇڭ كەنت»كە ئايلىنىشقىچە، چوڭقۇشتاي كەنتى بىرنەچچە يىللا ۋاقىت سەرپ قىلدى. 2022 - يىلى، بۇ كەنت 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ پۇقرالار تۇرالغۇسىدىن 135نى ئۆزگەرتىپ، چارۋىچىلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى دۇكىنى قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى. كەنت ئاھالىسى مانىسبېك يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يېزا - كەنت ساياھىتى دېھقان - چارۋىچىلارنى پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، ھەتتا تۇرمۇش مۇھىتىنىمۇ يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزدى».

مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇش شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكى - مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئايلانماقتا.

بىڭتۇەن 6 - شى چىتەي دېھقانچىلىق مەيدانىدا، ئۈچ جايدىكى شى، شەھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە تۆت جايدىكى تارىخىي يادىكارلىق تەتقىقات - ئۆگىنىش لىنىيەسىگە كىرگۈزۈلدى، كەنت تارىخىي سارىيى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى كۆرگەزمە سارىيى بىلەن 10 مىڭ مولۇق بۇغدايلىق بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى؛ قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىكى ئالتۇن قەدىمىي كوچىسى دېھقانلار رەسىمى، مەرۋايىت كەشتە ئەسىرى ئارقىلىق قىزىل گېن بىلەن خەلق ئۆرپ - ئادىتى سەنئىتىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى نام كارتىسى بەرپا قىلدى...

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ساياھەت شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى شۈ شياۋلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: «يېزا ئىگىلىكى - مەدەنىيەت - ساياھەتنى يۇغۇرۇشتا مەدەنىيەتنى روھ قىلىش زۆرۈر، ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى جانلاندۇرۇش، ھەم يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھازىرقى زامان ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك».

زەنجىر كەسىپلەرنى راۋانلاشتۇردى

ناۋايخانىدىن كەسىپ توپىغىچە

كۇچا شەھىرىنىڭ ئىشخلا بازىرى شورباغ مەھەللىسىدىكى چوڭ نان كوچىسىغا كىرگەندە، ناۋاي ئۇستاملار ئالدىراش نان يېقىۋاتاتتى. چوڭ نان كوچىسى ئىشخلا بازىرى 2023 - يىلى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ بەرپا قىلغان تۈر بولۇپ، 28 تونۇرنى كۆلەملەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىپ، كۇچا يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. نۆۋەتتە، كوچىدىكى 11 ناۋايخانىدىكى 28 تونۇردا ھەر كۈنى تەخمىنەن 18 مىڭ نان يېقىلىدىغان بولۇپ، كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. خىزمەتچى ئابدۇسالام توختىنىياز مۇنداق دېدى: «يازدا ساياھەتچى كۆپ چاغدا، بىر كۈندە 1000دىن ئارتۇق نان ساتالايمىز».

شىنجاڭ كەسىپ توپى تەپەككۇرى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى - مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولماقتا.

2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى كەسىپ توپى قاتارىغا كىرگۈزدى، بۇ، بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق، بىر - بىرىگە تايىنىدىغان كۆپ مىقداردىكى كارخانا ۋە ئاپپاراتلارنىڭ توپلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە رايون ئىقتىسادىدا تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى جەھەتتە، «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» «جىڭخې ناملىق» قاتارلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇردى. مايتاغ - كۇچا تاشيولى قاتارلىق ۋاڭخۇڭ داكا نۇقتىلىرىدا شىنجاڭ قاتناش تارماقلىرى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى ھەمكارلىشىپ ساياھەتچىلەرنى بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى؛ تەنتەربىيە بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلۇپ تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەر ئارقىلىق ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇندى؛ يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىك يۇغۇرۇلۇپ «سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى» ئارقىلىق ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىرىكتۈرۈلۈپ، شياڭدوۋ قاسقان قاتلىمىسى، شۆخۇالياڭ قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل <ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت كەسپى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى> بويىچە، يېزا ئىگىلىكى - مەدەنىيەت - ساياھەتنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، <كەنت گۈزەل، كەنت ئىستىلى ياخشى، كەنت ئاھالىلىرى باي> بولغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەدەنىيەت - ساياھەت كۈچىنى قوشىمىز».

گەرچە ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، كەمتۈكلۈكلەرگە يەنىلا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. نۆۋەتتە، يەنە بىر قىسىم يېزا - كەنتلەردىكى مەدەنىيەت بايلىقىنى قېزىش يېتەرلىك ئەمەس، ئۇل ئەسلىھە ۋە رەقەملەشتۈرۈش بىلەن قاپلىنىشى تەكشى ئەمەس، كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا - كەنت ساياھىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرمەكتە، ھەرقايسى جايلار نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە يوللىرى ۋە مەنزىرە رايونلىرى ئەتراپىدا پائال تۈردە يېزا - كەنت ساياھىتى نۇقتىلىق كەنتلىرىنى قۇرۇپ، يېزا - كەنت ساياھىتى كەسىپ بەلبېغى بەرپا قىلدى؛ «رەسساملار كەنتى» «فوتوگرافلار كەنتى» «يازغۇچىلار كەنتى» «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كەنتى» قاتارلىق بىر تۈركۈم روشەن خاسلىققا ئىگە ساياھەت كەنتلىرىنى پائال بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. خۇددى شۈ شياۋلياڭ ئېيتقاندەك، يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش زۆرۈر، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش - سېتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى - مەدەنىيەت - ساياھەتنى يۇغۇرغاندىلا، ئاندىن قۇۋۋەتنى ئۇزاققىچە قوزغاتقىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.