تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چىڭخەي ماڭيا: رەڭگارەڭ فيسۈيخۇ كۆلى

   ماڭيا شەھىرى چىڭخەي ئۆلكىسى خەيشى موڭغۇل، زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسىگە تايىنىپ قىزىق نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى. ماڭيا فيسۈيخۇ كۆلى شۇ جايدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ماگنىي سۇلفات كەنجى تىپلىق تۇز كۆلىگە تەۋە، تۇز كۆلىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 26 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

   ماڭيا فېيسۈيخۇ كۆلىدە لىتىي، كالىيلىق ئوغۇت، شور قاتارلىق تۇز بىرىكمىلىرى كۆپ چىقىدۇ، مىنېرال ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقى ئوخشاش بولمىغاچقا، كۆل سۈيى سۇس كۆك، يېشىل، قېنىق يېشىل قاتارلىق گۈزەل رەڭلەرنى نامايان قىلىپ، خۇددى چۆلدىكى ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدۇ. (ما كېشىن)

ماڭيا فيسۈيخۇ كۆلىنىڭ سۈيى. خەلق تورى ما كېشىن فوتوسى

ساياھەتچىلەر ماڭيا فيسۈيخۇ كۆلىدە سەيلە قىلماقتا. خەلق تورى ما كېشىن فوتوسى

ساياھەتچىلەر ماڭيا فيسۈيخۇ كۆلىدە. خەلق تورى ما كېشىن فوتوسى

ماڭيا فيسۈيخۇ كۆلىنىڭ ساپ سۈيى. خەلق تورى مۇخبىرى گەن خەيچيۇڭ فوتوسى

ماڭيا فيسۈيخۇ كۆلىنىڭ سۈيى خۇددى يېشىل تاشتەك گۈزەل. ماڭيا شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن سۈرەت

ماڭيا فېيسۈيخۇ كۆلىنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ مەنزىرىسى. ماڭيا شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.