تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ئىچكىرىسىدە، سەككىز قىرلىقلىقى بىلەن داڭق چىقارغان سىرلىق جاي − تېكەس بار.

تېكەس موڭغۇل تىلىدا «تاغ - دەريالىرى گىرەلىشىپ كەتكەن كەڭ دالا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەرنىڭ تۆت ئەتراپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، تۆت پەسلى ئېنىق ئايرىلغان، يىجىڭ مەدەنىيىتى، يايلاق مەدەنىيىتى، ئۇيسۇن مەدەنىيىتى، ماناس مەدەنىيىتى قاتارلىقلار يۇغۇرۇلغان بولۇپ، سەككىز قىرلىق شەكىل ئارقىلىق قەدىمكى شەرق ئەقىل-پاراسىتى يېزىلغان.


ئاپتور: دىڭ لېي، خې شياۋتۇڭ، جاڭ جېڭبىن
«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى