4-ئاينىڭ 8-كۈنى، توردا تونۇشقان ئىككى ئوقۇغۇچى بېيجىڭ گۇگۇڭ سارىيى جياۋلوۋ راۋىقى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا خېبېي ۋە جېجياڭدىن كەلگەن بولۇپ، بىرلىكتە بېيجىڭغا سەيلە-ساياھەت قىلغىلى كەلگەنىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لياڭكۇەي فوتوسى
2025-يىلى باھاردا، ئىللىق باھار شامىلى چىقىپ، گۈزەل باھار مەنزىرىسى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغانىدى. بارغانسېرى كۆپ فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى يان تېلېفون، فوتو ئاپپاراتلىرىنى ئېلىپ، ياكى باھارنى سۈرەتكە تارتتى، ياكى باھار بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ئۆزگىچە باھار مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوندا سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سۈرەتكە تارتىش قىزغىنلىقى داۋاملىق ئاشتى. بۇ خىل «سۈرەتكە تارتىش قىزغىنلىقى» خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى، گۈزەل مىنۇتلارنى خاتىرىلەپ، ئەتىيازلىق ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولدى.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر جۈپ قىز-يىگىت بېيجىڭ گۇگۇڭ سارىيىنىڭ جياۋلوۋ راۋىقىدا تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈۋاتقاندا، بىرنەچچە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى بەس-بەستە فوتو ئاپپاراتىنى كۆتۈرۈپ باھاردىكى رومانتىك مىنۇتلارنى خاتىرىلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى بېيجىڭ يۈيۈەنتەن باغچىسىدا فوتو-ئاپپاراتلىرىنى تىكلەپ، كۆلدىكى قۇشلارنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ يۈۋېي فوتوسى

4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچى يىخېيۈەن باغچىسىدىكى شىچىكۇڭ كۆۋرۈكىدە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لىۋاڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 9-كۈنى، بىر چەت ئەللىك ساياھەتچى يىخېيۈەن باغچىسىدىكى شىچىكۇڭ كۆۋرۈكىدە سۈرەتكە تارتماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لىۋاڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر بېيجىڭ فايۈەن ئىبادەتخانىسىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن گاڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچى بېيجىڭ بېيخەي باغچىسىدا سۈرەتكە تارتماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىڭ گۇاڭلى فوتوسى

4-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر بېيجىڭ گۇگۇڭ سارىيى ئەتراپىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لياڭكۇەي فوتوسى

4-ئاينىڭ 8-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىنىڭ بىر كوچىسى بويىدىكى گۈللۈكتە، بىر فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ئاق چېچەكلىك ماگنولىيەنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن گاڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچىلەر بېيجىڭ يۈيۈەنتەن باغچىسىدىكى يىڭخۇا گۈلى باغچىسىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پەن شۈ فوتوسى

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر بېيجىڭ يۈيۈەنتەن باغچىسىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا، سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ يۈۋېي فوتوسى

4-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر بېيجىڭ گۇگۇڭ سارىيىنىڭ ۋېنخۇا سارىيى ئالدىدىكى تاشئالما گۈللىرى ئارىسىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لياڭكۇەي فوتوسى

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچى بېيجىڭ يۈيۈەنتەن باغچىسىدا يىڭخۇا گۈلىدىن ھۇزۇرلانماقتا ۋە گۈللەرنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ يۈۋېي فوتوسى

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر بېيجىڭ جىڭشەن باغچىسىدىكى ۋەنچۇنتىڭ راۋىقى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن يېخۇا فوتوسى

4-ئاينىڭ 8-كۈنى، بىر ساياھەتچى بېيجىڭ يۈيۈەنتەن باغچىسىدا ياۋا قارا ئاق قۇنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ يۈۋېي فوتوسى

4-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەت سۈرىتى تارتىش فوتوگرافى (سولدا) بېيجىڭ خوۋخەي بېييەندە بىر ساياھەتچىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر بېيجىڭ داجۆ ئىبادەتخانىسىدا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شىن فوتوسى

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، كىشىلەر بېيجىڭ گۇگۇڭ سارىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى جياۋلوۋ راۋىقى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە ۋە رەسىم سىزماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن يېخۇا فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى