تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باھاردا كورلىنىڭ «خۇش پۇراق قۇتىسى» ئېچىلدى

    4-ئايدىكى كورلىدا، كىشىلەر گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ئىچىدە باھارنى تاسادىپىي ئۇچراتتى. نەشپۈت چېچىكى، ئۆرۈك چېچىكى، قارىياغاچ يوپۇرماقلىق پىرۇنۇس چاتقىلى ۋە تاشئالما قاتارلىقلار كۆنچى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا بەس-بەستە چېچەكلىدى، كىشىلەر گۈل-چىچەكلەر دېڭىزىدا سەيلە قىلىپ، خۇشپۇراقلار ئارىسىدىن باھارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى كىشىلەر ئېكرانىدىن رەڭگارەڭ چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدىنى پۇرىغاندەك بولدى، ئۇلار كورلىنى «جياڭنەن ئەمەس، جياڭنەندىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىكەن» دەپ تەرىپلەشتى.

(بايىنغولىن يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى چېن يەنچياڭ)

مەنبە: بايىنغولىن تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.