تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ياز پەسلى يېتىپ كەلدى، ئاپتوموبىل ئىچىگە بۇ نەرسىلەرنى قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ!!!

https://mp.weixin.qq.com/s/-KPUX68EwUSRmX-J4xSNsw

تېمپېراتۇرا كۈندىن - كۈنگە ئۆرلىدى

ياز پەسلى كېلەي دەپ قالدى

 ئۇرۇق-تۇغقانلار، دوستلار، دىققەت قىلىڭلار

ئاپتوموبىل ئىچىگە بۇ نەرسىلەرنى قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ!

ياز پەسلىدە تالانىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃30تىن ئاشىدۇ

ئاپتوموبىللار كۈچلۈك ئاپتاپتا قاقلانغاندىن كىيىن 

ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ℃70 ~ ℃ 60قا يېتىدۇ

كۈچلۈك ئاپتاپتا قاقلانغاندىن كېيىن ئاپتوموبىلدىكى پرىبور يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى

ھەتتا ℃80تىن ئاشىدۇ

بۇ چاغدا

 تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى ئاپتوموبىل ئىچىگە قويۇپ قويغاندا

خۇددى «قەرەللىك بومبا» قويغانغا ئوخشاش بولىدۇ

تېز كۆرۈڭ!

سىز  بۇ نەرسىلەرنى ئاپتوموبىلغا قويدىڭىزمۇ- يوق؟

چاقماق

   ئادەتتىكى چاقماقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇيۇق ھالەتتىكى بۇتان بولۇپ، ئاسان يانىدۇ ھەم ئاسان پارتلايدۇ. ئاپتوموبىل ئىچىدە تېمپېراتۇرا زىيادە ئۆرلەپ كەتكەندە، چاقماقنىڭ ئىچىدىكى بۇتان ناھايىتى تېز گازغا ئايلىنىپ، تېز سۈرئەتتە  كۆپىدۇ ھەتتا پارتلايدۇ. شۇڭا، چاقماقنى ئاپتوموبىل ئىچىگە قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، بولۇپمۇ پرىبور يۈزى قاتارلىق قۇياش نۇرى تىك چۈشىدىغان جايلارغا قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

   دېلو مىسالى ئاگاھلاندۇرۇشى

  2019-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇەيئەن شەھىرىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايوندا بىر ئاپتوموبىل ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كۆيۈپ كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئون نەچچە مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوتنى ئاران ئۆچۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاپتوموبىل ئاساسىي جەھەتتىن كۆيۈپ كەتكەن، يەنە بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئوڭ تەرىپىنىڭ يېرىمى كۆيۈپ كەتكەن. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كۆيۈپ كېتىشىدىكى سەۋەب ئاپتوموبىل ئىچىدىكى چاقماق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پارتلىغانلىقتىن بولغان.

گازلىق ئىچىملىك

   تومۇز ئىسسىقتا كىمنىڭ مۇزدەك كولا ئىچكۈسى كەلمەيدۇ دەيسىز. لېكىن ياز كۈنلىرى ئاپتوموبىل ئىچىگە گازلىق ئىچىملىكلەرنى قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. كولاغا ئوخشاش كاربون كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر يېنىك چايقالسىلا كۆپۈپ ئۆرلەيدۇ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاسانلا پارتلاپ كېتىدۇ.

   دېلو مىسالى ئاگاھلاندۇرۇشى

   2017-يىلى 6-ئايدا، سەنشى تەييۈەندىكى جاڭ ئەپەندى ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا تۇيۇقسىز «پاڭ» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىغان، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى بىر قۇتا كولا تۇيۇقسىز پارتلاپ، سۇيۇقلۇق ئەتراپقا چاچراپ، ئاپتوموبىلنىڭ شامال توسۇش ئەينىكى، پىرىبور يۈزى، ئورۇندۇق ھەم بەدىنىنىڭ ھەممە يېرى كولا يۇقى بولۇپ كەتكەن. جاڭ ئەپەندى جىددىيلىشىپ، قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغىلى تاس قالغان.

مىنېرال سۇ، ياشانغانلار كۆز ئەينىكى

   كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا، ياشانغانلار كۆز ئەينىكى بىلەن مىنېرال سۇنى مەركىزىي تىزگىنلەش سۇپىسىغا قەتئىي قويماڭ. بۇ نەرسىلەر مەركىزىي تىزگىنلەش سۇپىسىغا قويۇلغاندا لوپا ئەينەككە ئايلىنىپ، قۇياش نۇرىنى بىر نۇقتىغا يىغىدۇ، نۇر يىغىلغاندا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃300دىن ئاشىدۇ، سەللا دىققەت قىلمىسا مەركىزىي تىزگىنلەش سۇپىسىغا ئوت  كېتىدۇ.

   دېلو مىسالى ئاگاھلاندۇرۇشى

  2019-يىلى، مەلۇم بىر جايدا بىر كىچىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ئىگىسى ئىككى بوتۇلكا مىنېرال سۇنى ئاپتوموبىل پرىبور يۈزىدىكى تېيىلىشتىن ساقلايدىغان كىچىك سېلىنچىغا مۇنداقلا قويۇپ قويغان، نەتىجىدە ئاپتوموبىل ئىچىدىكى نەرسىلەرگە ئوت كېتىپ، شامال توسۇش ئەينىكى نەق مەيداندا چېقىلىپ كەتكەن.

پۈركۈگۈچ

   ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان تۇمانلىتىپ پۈركۈش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ ھاللاردا بۇتان، ئىزوبۇتان، ئېتىل ئالكوگول قاتارلىق يانىدىغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان ماددىلار بولىدۇ. ئاليۇمىن قۇتىلىق پۈركۈگۈچنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى قۇتىغا ھاۋا قىسىپ قاچىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قۇتىنىڭ ئىچى-سىرتىدا بېسىم پەرقى پەيدا بولۇپ، سۇيۇقلۇقنى تۇمانلىتىپ پۈركۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرا قۇتا ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ گازغا ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، قۇتا ئىچىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئاپتاپتىن ساقلىنىش پۈركىمىسىنىڭ پارتلاش خەتىرى بار.

   دېلو مىسالى ئاگاھلاندۇرۇشى

   2022-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، جياڭسۇ سۇجۇدا بىر ئاق رەڭلىك پىكاپ تۇيۇقسىز يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالغان، ئىككى كىشى ئالاقزادە بولۇپ ماشىنىدىن يۈگۈرۈپ چۈشكەن، يۈزى ۋە بىلىكى قاتارلىق كۆپ جايلىرى ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلانغان. ئالاقىدار كىشىنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇلار ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ «كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە مۇز تۇتىدىغان»، توردا ئالقىشلانغان تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش پۈركىمىسىنى چېچىپ بولۇپ، ئارقىدىن تاماكا تۇتاشتۇرغان، نەتىجىدە شۇ زامات ئوت كېتىپ كۆيۈپ يارىلانغان.

ئەتىر

  ئەتىرنىڭ ئىسپىرت تەركىبى %80 ~ %40 ئارىلىقىدا بولۇپ، يېپىق ھالەتتىكى بوشلۇقتا، ھاۋا ئۆتۈشمىگەن ئەھۋالدا، گاز ئىسسىقتىن كېڭەيگەندىن كېيىن تارقىلالماي، ئاسانلا پارتلاش كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈچلۈك ئاپتاپتا قاقلانغان ئەھۋالدا، قىسمەن ئەتىر قۇتىلىرى لوپا ئەينەككە ئوخشاش نۇر يىغىدۇ، ئەگەر  ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارغا نۇر يىغىپ قالسا ئوت ئاپىتى يۈزبېرىدۇ.

   دېلو مىسالى ئاگاھلاندۇرۇشى

   2022-يىلى 7-ئايدا، جياڭشى فۇجوۋدا بىر كۈمۈش رەڭلىك پىكاپ تۇيۇقسىز پارتلاپ، ئاپتوموبىل دېرىزىلىرى پارتلاشتا ئۇچۇپ كەتكەن، غايەت زور ئوت يالقۇنى ناھايىتى تېزلا ئاپتوموبىلنى ئورىغان، تەكشۈرۈرۈشتىن كېيىن پارتلاشنى ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان ئەتىر كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بايقالغان.

​توكدان

توكدان ئەسلىدىلا تۇراقلىق ئەمەس، لىتىيلىق باتارىيەنىڭ خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى جانلىق بولۇپ، ئادەتتە ئىشلەتكەندە سەللا دىققەت قىلمىسا بەلگىلىك پارتلاش خەۋپى بولىدۇ، ئۇنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، كۈچلۈك ئاپتاپتا  قاقلىنىپ تۇرغان ئاپتوموبىل ئىچىگە قويغانلىق ئۇنى قەرەللىك بومبىغا ئايلاندۇرغانلىق بولىدۇ. بولۇپمۇ بەزى ناچار توكدانلارغا لاياقەتسىز لىتىيلىق باتارىيە ئىشلىتىلگەن ياكى باتارىيەسى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بولغاچقا، تېخىمۇ تۇراقسىز بولىدۇ.

   دېلو مىسالى ئاگاھلاندۇرۇشى 

   2022-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىچۇەن داجوۋدىكى بىر ئۈستى ئوچۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، بىر كىچىك تىپتىكى SUV ئاپتوموبىلدىن تۇيۇقسىز ئىس كۆتۈرۈلگەن، نەق مەيداندىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىدىن تەكشۈرگەندە، ئاپتوموبىلدىن قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ، ئالدىدىكى شامال توسۇش ئەينىكى چېقىلغانلىقى بايقالغان، بەختكە يارىشا، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوموبىل ئىچىدە ئادەم يوق ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتوموبىلغا ئوت كېتىشتىكى سەۋەب ئاپتوموبىلنىڭ تىزگىنلەش سۇپىسىغا قويۇلغان توكدان كۈچلۈك ئاپتاپتا قاقلىنىپ ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

چوقۇم  ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ

ئاپتوموبىل ئىچىگە يۇقىرىدا ئېيتىلغان نەرسىلەرنى قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ 

ھەر قېتىم يولغا چىققاندا يوشۇرۇن خەۋپتىن يىراق تۇرۇڭ

 ياز كۈنلىرىدىكى گۈزەل پەيتلەردىن خاتىرجەم ھۇزۇرلىنىڭ

   مەنبە: دۆلەت جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى 

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.