بىپايان قومۇل تۇپرىقىدا، ئىۋىرغول رايونى يەتتە قۇدۇق بازىرى يۈز چاقىرىملىق شامال رايونىدىكى چۆللۈككە جايلاشقان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، قارىماققا تولىمۇ قاقاس بولغان بۇ چۆللۈككە ناھايىتى جەلپكار بىر سۇلۇق يەر يوشۇرۇنغان. ئۇ خۇددى نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئوخشاش، بىپايان چۆللۈككە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغانىدى.

چۆللۈكتىكى كۆلچەك.

رەڭدار چۆللۈك بىلەن سۇلۇق يەر بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشقانىدى.

چۆللۈكتىكى كۆلچەك.
سۇلۇق يەردىكى سۈپسۈزۈك كۆلچەك سۈيىدە كۆك ئاسمان ۋە ئاق بۇلۇتلار ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، قومۇشلار سۇدا يېنىك ئېرغاڭشىپ، ئاق قوتانلار ئاپئاق قاناتلىرىنى كېرىپ كۆكتە پەرۋاز قىلاتتى، ئاق قۇلار بوينىنى ئۇزۇن سوزۇپ سۇدا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەتتى، سېرىق ئۆردەكلەر توپ-توپ بولۇپ خۇشال ئوينىشىپ، بۇ سۇلۇق يەرگە چەكسىز ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغانىدى.

چۆللۈكتىكى بىر ساھىلدا ئىككى سېرىق ئۆردەك ئارام ئالماقتا.

ھەر خىل قۇشلار سۇلۇق يەرگە ماكانلاشتى.

ئاق قوتانلار سۇلۇق يەردە پەرۋاز قىلماقتا.

ئاق قوتانلار سۇلۇق يەردە پەرۋاز قىلماقتا.
ھاياتىي كۈچكە تولغان بۇ سۇلۇق يەر تەبىئەتنىڭ چۆللۈككە تەقدىم قىلغان ئۆزگىچە سوۋغىسى بولۇپ، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇنىڭ جىمجىتلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشقا، چۆللۈك بىلەن ھاياتلىق ئورتاق يۇغۇرۇلغان ئاجايىپ مەنزىرىگە گۇۋاھ بولۇشقا جەلپ قىلماقتا. (مەزمۇن \ سۈرەت: ساۋ شىنجيا)
«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى