مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، ھەممە دىققەت قىلىۋاتقان خېماچۈەن توك قاچىلاش پونكىتى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى جەمئىيەتتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش مۇلازىمىتىنى رەسمىي ئېچىۋېتىدىكەن، مۇلازىمەت ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 10:00دىن سائەت 21:30غىچە بولىدىكەن. بۇ توك قاچىلاش پونكىتى 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسلىرىنىڭ توك قاچىلاش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەپ ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاپتوموبىلىغا توك قاچىلاش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرىدىكەن.

خېماچۈەن توك قاچىلاش پونكىتىدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا توك قاچىلانماقتا.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى پۈتۈن شەھەرنى قاپلىغان توك قاچىلاش مۇلازىمەت تورىنى شەكىللەندۈردى. خېماچۈەن توك قاچىلاش پونكىتىدىن باشقا، شەرقىي باجياخۇ، سەيماچاڭدىكى ئىككى توك قاچىلاش پونكىتى شەھەر ئاھالىلىرىگە ئالدىن ئېچىۋېتىلدى، ئۈچ توك قاچىلاش پونكىتىغا جەمئىي 87 توكلىغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، تۇراقلىق توكلۇق تېز توك قاچىلاش ۋە ئۆزگىرىشچان توكلۇق ئاستا توك قاچىلاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەندىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، SUV قاتارلىق ئوخشىمىغان تىپتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا ماس كېلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى:
بىزنىڭ توك قاچىلاش ئۈسكۈنىمىزگە بىردەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش كېلىشىمىنى ئاپتوماتىك ماسلاشتۇرۇپ، توك قاچىلاشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ يىل يەنە خۇڭچياۋ، ليۇداۋەن، باداۋەندىن ئىبارەت ئۈچ جايدا يېڭى تىپتىكى توك قاچىلاش پونكىتى مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلىدۇ ھەم بۇ يىل ئىچىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى. بۇ توك قاچىلاش پونكىتلىرىغا ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن بولۇپ، بىۋاسىتە ئۇلاپ توك قاچىلاش، ئالدىن كېلىشىپ توك قاچىلاش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەتنىڭ ھەممىسىنى قوللايدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرىدۇ.
«ئۈرۈمچى شەھىرى نۆل ئارىلىق»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى