تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئىككى كۈندە غۇلجا شەھىرى ئالما باغچىسىدا 500 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۈركۈم گۈلى بەس-بەستە ئېچىلىپ، زىيىۋاڭزى، شىنتەيياڭ، شېنمى فەنيىكې قاتارلىق 30 نەچچە خىل سورتتىكى كۈركۈم گۈلى باغچىنى رەڭدار گۈل دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇپ، كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا ۋە داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

4-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىر غۇلجا شەھىرى ئالما باغچىسىدا، ھەر خىل رەڭدىكى كۈركۈم گۈللىرىنىڭ باھار شامىلىدا نازۇك جىلۋە قىلىپ، ئۆزگىچە يەر شەكلى، گۈزەل باغچە مەنزىرىسى بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسن قوشقانلىقىنى كۆردى. شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر گۈللەر ئارىسىدىكى پىيادىلەر يولى، مەنزىرە تاماشا قىلىش سۇپىسىدا سەيلە قىلىپ، بەس-بەستە كامېرا ئارقىلىق باھاردىكى بۇ كاتتا مەنزىرىدىن خاتىرە قالدۇردى.


فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى لى جۈ باغچىنىڭ مەنزىرە لايىھەسىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ: «بۇ يەردە كۈركۈم گۈلى قاتلام تۇيغۇسى بويىچە ئۆستۈرۈلۈپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باغچىدا ياپيېشىل دەرەخلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن، يەر شەكلى ئېگىز-پەس بولغاچقا، مەنزىرە سۈرەتكە تارتىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن. ھازىر ئوت-چۆپلەر ياپيېشىل بولۇپ، رەڭدار گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپتۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ» دېدى.
غۇلجا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى باغ-ئورمان مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇڭ شياۋشياۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر 10-ئايدىن باشلاپ، باغ-ئورمان تارماقلىرى ئالما باغچىسىنىڭ يەر شەكلىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلىگەن ۋە ئۆزگەرتكەن ھەم 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى 500 مىڭ تۈپ كۈركۈم گۈلى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىغان. نۆۋەتتە، كۈركۈم گۈلى دەسلەپكى غۇنچە ھالىتىگە كىرگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 10-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە راسا ئېچىلىش مەزگىلىگە كىرىدىكەن، راسا ئېچىلىش مەزگىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.
(ئىلى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى چېن يىڭ، چېن تيەنجىن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى