ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق بويىچە سەپ شەكىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇلدى.

4-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق بويىچە سەپ شەكلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن بىر كۆرۈنۈش.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا فوتوسى
بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى، مەۋھۇم تەقلىد قىلىش، رەقەملىك قوشكېزەك قاتارلىق تېخنىكىلار چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى خاس ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كۆپلىگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق بۆلىكى توپلاشتۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كەسپى توپى بويىچە يۈرۈشلۈك دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش بايلىقى يانداشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق كەسپى ئېھتىياجلىق بولغان بىرىكمە تىپتىكى تېخنىكا-ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ھەر تەرەپلىمىلىك تىرەككە ئىگە قىلغان.
مۇخبىر نەق مەيداندا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ھەقىقىي ئاپتوموبىل مودېلى ئۇششاق زاپچاسلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئوبيېكتى قىلىنىپ، يېرىم تەييار مەھسۇلاتتىن ئۇششاق زاپچاسلارنى پىششىقلاشقىچە، ئاندىن تەييار مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇشقىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە، رەقەملەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىدىيەسىنى مۇكەممەل ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇتۇش بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تاماملىغانلىقىنى كۆردى.

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ماشىنا-ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋېي خەيچېڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ماشىنا ئادەمنى تەكشۈرۈپ بەلگە قويماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى