تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

دېكلاماتسىيە قىلىش، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش، تەقلىدىي يېزىش، تامغا ئويۇش... مائارىپ مىنىستىرلىقى ئويۇشتۇرغان بۇ مۇسابىقىلەر سىزنىڭ قاتنىشىشىڭىزنى كۈتمەكتە

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، «كىلاسسىك ئەسەرلەردە چاقنىغان جۇڭخۇا    مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش» باش تېمىسىدىكى 7-نۆۋەتلىك جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش، تەقلىدىي يېزىش مۇسابىقىسى بۇ ئايدا رەسمىي باشلىنىدىكەن.

    بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش قۇرۇلۇشى داڭلىق ماركا پائالىيىتىنىڭ بىرى بولۇپ، تۆت تۈرلۈك مۇسابىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم «دېكلاماتسىيە ئارقىلىق جۇڭگونى مەدھىيەلەش» كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسى، «جۇڭگو قەدىمكى شېئىر تەربىيەسى» شېئىر مىسرالىرىنى چۈشەندۈرۈش مۇسابىقىسى، «سىياھ ھىدىغا تولغان جۇڭگو» تەقلىدىي يېزىش مۇسابىقىسى، «جۇڭگو ئىزنالىرى» ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تامغا ئويۇش مۇسابىقىسى بولۇپ، مۇسابىقە دېكلاماتسىيە قىلىش، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش، تەقلىدىي يېزىش، تامغا ئويۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار مۇسابىقە ھۆكۈمەت تورى (https://jdsxj.eduyun.cn) ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، ئەسەرلىرىنى يوللىسا بولىدۇ ھەم مۇسابىقە ئۇقتۇرۇشى، ئېلان قىلىنغان ئىسىملىك، گۇۋاھنامىنى چۈشۈرۈش كۆزنىكى قاتارلىقلارنى توردىن كۆرسە بولىدۇ. ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرىدە مۇسابىقە جەريانىغا قويۇلىدىغان كونكرېت تەلەپلەر، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق ئىشلار مۇسابىقە تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش قۇرۇلۇشى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، دوۋيىن نومۇرى، سىن سۇپىسى ۋە جۇڭگو تىل-يېزىقى ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى سۇپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق مۇسابىقىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

    ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق مەكتەپلەر دېكلاماتسىيە مۇسابىقىسى، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى مۇسابىقىسىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ، دەسلەپكى مۇسابىقىدە تاللانغان ئەسەرلەر 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە ھۆكۈمەت تەرەپ مۇسابىقە تورىغا يوللىنىدۇ، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى مۇسابىقە شەكلى تىل-يېزىق بىلىملىرى ۋە شېئىر ساۋاتلىرىنى باھالاش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇرۇن ھۆكۈمەت تەرەپ مۇسابىقە تورىغا كىرىپ قاتناشسا بولىدۇ؛ تەقلىدىي يېزىش مۇسابىقىسى، تامغا ئويۇش مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلار ھۆكۈمەت تەرەپ مۇسابىقە تور بېكىتىگە بىۋاسىتە كىرىپ ئۆز ئالدىغا تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ، مۇسابىقە دەسلەپكى مۇسابىقە، تەكرار مۇسابىقە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە كۆرگەزمە قىلىپ كۆرسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرىدىكى مۇسابىقە بولۇپ، ھەرقانداق ئورۇننىڭ مۇسابىقە نامىدا مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ھەم مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئورۇنلاردىن ھەر قانداق شەكىلدە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.