4-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ «ئانار دانىسى لوڭقىسى» 2025-يىللىق قىزىلسۇ ئوبلاستى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىرلەشمە مۇسابىقە» دېيىلىدۇ)نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، سەككىز ئاي داۋاملىشىپ، 800 مەيدانغا يېقىن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ بىرلەشمە مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 12-كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدىكى پۇتبول باغچىسىدا باشلىنىدىكەن.

بىرلەشمە مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى يېتەكچىلىكىدە، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، جياڭسۇ ۋە جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار ئاساسلىقى قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردىن كەلگەن بولۇپ، چوڭلار گۇرۇپپىسى ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپا تەسىس قىلىنىدۇ. چوڭلار گۇرۇپپىسىدىن مۇسابىقىگە جەمئىي 16 كوماندا قاتنىشىدۇ؛ ياشلار-ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىدىن مۇسابىقىگە جەمئىي 100 كوماندا قاتنىشىدۇ ھەم U9(قىز-ئوغۇل)، U11(قىز-ئوغۇل)، U13(قىز-ئوغۇل)، U15(قىز-ئوغۇل) قاتارلىق سەككىز تۈرگە بۆلۈنىدۇ. شۇ جاي مۇسابىقە ئارقىلىق شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئوبلاست دەرىجىلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. مۇسابىقە يەككە ئايلانما مۇسابىقە بولۇپ، نەتىجىسى جۇغلانما نومۇر ئەھۋالى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇلىدۇ.

تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا ۋە ئاممىنىڭ مۇسابىقىنى كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بارلىق مۇسابىقىلەر بىردەك ھەپتە ئاخىرى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە يازلىق تەتىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقىدە كوللېكتىپ مۇكاپات، شەخسلەر مۇكاپاتى ۋە تەنتەربىيە ئەخلاق-پەزىلەت مۇكاپاتى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كوللېكتىپ مۇكاپاتتا 1-، 2-، 3-لىككە ئېرىشكەنلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا 150 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەن، 50 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى