تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بىر پارچە دېكىراتسىيەلىك پەردە بېيجىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى، بىر پارچە سۈرەت قىممەتلىك دەقىقىدىن خاتىرە قالدۇردى خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە «تيەنئەنمېن»بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار شى رۇشيۇڭ، ليۇ يى، ئىختىيارىي مۇخبىر لو يىڭ)  3- ئاينىڭ 28- كۈنى ئەتىگەندىلا، خوتەن ناھىيەسى ئاۋات يېزىسىدىكى تەشۋىقات كادىرى خۇ چۇنفاڭ ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن، ئالايىتەن «تيەنئەنمېن» ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بىر پارچە دېكىراتسىيەلىك پەردىنى سومكىسىغا سالدى. بۇ ئىككى كۈندە، مەيلى نەگىلا بارسۇن، ئۇ بۇ دېكىراتسىيەلىك پەردىنى يېنىدا ئېلىپ يۈردى.

3-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى ئاقچال كەنتىدە، خۇ چۇنفاڭ تارتقان روزىتوختى تۇرسۇنتوختى ئائىلىسىدىكى بەش جاننىڭ تيەنئەنمېننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ
 چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى. سۈرەتنى خۇ چۈنفاڭ تەمىنلىگەن

   بىر پارچە دېكىراتسىيەلىك پەردە نېمە ئۈچۈن ئۇ سىرتقا چىققاندا يېنىدىن ئايرىمايدىغان زۆرۈر بۇيۇم بولۇپ قالدى، ھېكايىنى نەچچە كۈن ئىلگىرى شياۋخۇنىڭ ئېتىزلىقتا بىر كەنت ئاھالىسى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغانلىقىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

   «سىزنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ قويسام بولامدۇ؟» دەپ سورىدى فوتو ئاپپارات ئېسىۋالغان شياۋخۇ.

   «سۈرەتكە چۈشسەمغۇ ياخشى بولاتتى، ئەگەر تيەنئەنمېننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ بىر پارچە سۈرەتكە چۈشۈۋالغان بولسام تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.» كەنت ئاھالىسىنىڭ جاۋابىدىن سەل ئەپسۇسلانغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

   كەنت ئاھالىسىنىڭ بىر ئېغىز سۆزى شياۋخۇنى ئويغا سالدى. ئۇ ئىشىك ئالدىدىلا تيەنئەنمېن بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش چوقۇم يىل بويى قۇملۇق گىرۋىكىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، دەپ ئويلىدى. قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ؟ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كېلىپ، «تيەنئەنمېن» ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان دېكىراتسىيەلىك پەردىنى زاكاز قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھەقسىز سۈرەتكە تارتىپ قويۇشنى قارار قىلدى.

3-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى ئاقچال كەنتىدە، خۇ چۇنفاڭ تارتقان ئوبۇلقاسىم مەتقۇربان ئائىلىسىدىكى ئۈچ جاننىڭ تيەنئەنمېننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ
 چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى. سۈرەتنى خۇ چۈنفاڭ تەمىنلىگەن

   ناھايىتى تېزلا، دېكىراتسىيەلىك پەردە سېلىنغان ئالاھىدە تېز يوللانما كەنتكە يەتكۈزۈلدى. 3- ئاينىڭ 24- كۈنى، شياۋخۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئاقچال كەنتىدىكى مەيدانغا تيەنئەنمېن ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بۇ دېكىراتسىيەلىك پەردىنى ئېسىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھەقسىز سۈرەتكە تارتىپ قويۇشقا تەييارلاندى.

   ئۆيىمىزنىڭ يېنىدىلا «تيەنئەنمېن» ئالدىدا تۇرۇپ ھەقسىز سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرالايدىغان بولدۇق! بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا پۈتۈن كەنتكە تارقىلىپ، كەنت بايرام بولغاندەك قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. نەۋرىسىنى كۆتۈرۈۋالغان بوۋايلار، ئاتا- ئانىسىنى ئالدىرىتىپ ماڭغان بالىلار، يەنە توي قىلماقچى بولغان جۈپ- جۈپ قىز- يىگىتلەر... ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيگەن كەنت ئاھالىلىرى تەرەپ- تەرەپتىن يېتىپ كېلىپ، بەس- بەستە «تيەنئەنمېن» ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى ئاقچال كەنتىدە، تۇرنىسا قادىر ئۆزىنىڭ دۇكىنىدا خۇ چۇنفاڭ تارتىپ قويغان سۈرىتىنى كۆرسەتمەكتە. سۈرەتنى خۇ چۈنفاڭ تەمىنلىگەن

   «كىچىكىمدىلا تيەنئەنمېننىڭ دۆلىتىمىزنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، بۇ سۈرەت بەك ئەھمىيەتلىك بولدى.» 76 ياشلىق ئايشىخان مەتقۇربان ئالايىتەن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ پەقەت بايراملاردىلا كىيىدىغان ئاق رەڭلىك كاستۇمىنى تېپىپ چىقىپ، چېچىنى رەتلىك تۈگۈپ، روھلۇق ھالدا «تيەنئەنمېن» ئالدىدا بىر پارچە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

   چاچلىرىغا ئاق سانجىغان ئامىنە ئابلا چىرايلىق ئەتلەس كۆڭلىكىنى كىيىپ، «تيەنئەنمېن» ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ سۈرەتكە چۈشتى، «تيەنئەنمېن ئالدىغا بېرىپ ئۇسسۇل ئويناشنى بالا ۋاقتىمدىن تارتىپلا ئارزۇ قىلاتتىم، بۈگۈنكى بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسام بولمايدۇ.» ئۇنىڭ چېھرىدە خۇشال تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

   كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خۇشال كۈلۈپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشكىنىگە ئوخشىمايدىغىنى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ياسىن مەخمۇت «تيەنئەنمېن» ئالدىدا كەسكىن قىياپەتتە بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئۇ ئۇچىسىغا قارا جاكې كىيگەن بولۇپ، مەيدىسىدىكى پارتىيە ئىزنىكى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. «پارتىيە ئىزنىكىنى تاقاپ ئۆزۈمگە ئەسكەرتىپ تۇرىمەن، گەرچە ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، لېكىن پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىمنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇنتۇپ قالسام بولمايدۇ».

3-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى قۇمئېغىل كەنتىدە، خۇ چۇنفاڭ (سولدا) ئوبۇل ئەبەينىڭ ئۆيىگە سۈرەتنى ئاپىرىپ بەرگىلى باردى. سۈرەتنى خۇ چۈنفاڭ تەمىنلىگەن

   3-ئاينىڭ 25-كۈنى، شياۋخۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن يەنە يېقىن ئەتراپتىكى قۇمئېغىل كەنتىگە كەلدى، ئىككى كۈندە ئۇلار كەنت ئاھالىلىرىنى «تيەنئەنمېن» ئالدىدا 238 پارچە خاتىرە سۈرەتكە تارتتى. سۈرەتكە چۈشكەنلەر ئىچىدە يېقىملىق ئائىلىۋى ئوپچە سۈرەتكە چۈشكىلى كەلگەنلەرمۇ، توي قىلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان قىز- يىگىتلەرمۇ، يەنە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارمۇ بار. شياۋخۇ بېسىپ چىقىرىلغان سۈرەتلەرنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزگەندە، نۇرغۇن كىشى باش بارمىقىنى چىقىرىپ، سىز ناھايىتى ياخشى ئىش قىلدىڭىز، دەپ ماختاشتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.