□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
«تۇرسۇن ئاكا، مەن سىزنىڭ سۈرىتىڭىزنى ئالغاچ كەلدىم».
3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسى قۇمئېغىل كەنتىدىكى ئۈزۈملۈكتە، ئۈزۈم تەكلىرىنى ئېچىۋاتقان تۇرسۇن نايىپ ئۆزىنىڭ «تيەنئەنمېن» ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرىتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
سۈرەتتە، قىزىل پوپايكا، قارا بوغما چاپان كىيگەن تۇرسۇن قەددىنى رۇسلاپ، ئىككى قولى بىلەن بېلىنى تۇتۇپ، «تيەنئەنمېن» ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان دېكىراتسىيەلىك پەردە ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، كۆزلىرىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. «شۇ چاغدا سەل ھاياجانلىنىپ قالغاچقا، كاللامدا ئويلىۋالغان سۈرەتكە چۈشۈش ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دېدى تۇرسۇن.
تۇرسۇننىڭ يۇرتى قۇمئېغىل كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىغا 100 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. تۇرسۇننىڭ قەلبىدە، پايتەخت بېيجىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ سىمۋولى ئىدى. «ھازىر، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى زور، قىلىدىغانغا ئىشىمىز، يانچۇقىمىزدا پۇلىمىز بار بولدى، ھەممىمىزنىڭ سىرتقا چىقىپ كۆرۈپ بېقىش ئويىمىز بار» دېدى ئۇ.
بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن تۇرسۇن «بىر نەچچە ۋەزىپىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان» بولۇپ، كەنتتىكى ئەڭ ئالدىراش ئادەم.
«مەن كەنتنىڭ كىچىك ئەترەت باشلىقى، يەنە قوشۇمچە كەنتنىڭ تازىلىق ئىشچىسى. ئائىلىمىزنىڭ يېرىنى تېرىش ۋە كالىلارنى بېقىشنىڭ ھەممىسىگە مەن مەسئۇل.» 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۇرسۇننىڭ سۆزلىرىدىن ئىپتىخارلىق چىقىپ تۇراتتى.
ئۇ ھەر كۈنى سائەت 8 يېرىم ئەتراپىدا ئۆيىدىن چىقىپ، بىر سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزى مەسئۇل بولغان رايوننىڭ تازىلىقىنى قىلىپ بولۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، يەم - خەشەك تەييارلاپ كالىلارغا بېرىدۇ، ئاندىن يەنە كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ خىزمەت قىلىدۇ. كىچىك ئەترەت باشلىقىنىڭ خىزمىتى ئاساسەن ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئېتىزلىرىدىكى تېرىقچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۇ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىدۇ، ئۆيىدە كەم بولغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدۇ.
تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ 15 مو يېرىگە بۇغداي، قوناق، كېۋەز تېرىغان، چىلان، ياڭاق، ئۈزۈم ئۆستۈرگەن بولۇپ، ھەر يىلى 60 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئالتە تۇياق كالا بېقىپ، ھەر يىلى 12 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. بۇنىڭغا كىچىك ئەترەت باشلىقى ۋە تازىلىق ئىشچىسىلىق مائاشنى قوشقاندا، بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدۇ.
«چوڭ ئوغلۇمدىن باشقا بالىلىرىمنىڭ ھەممىسى تېخى ئوقۇۋاتىدۇ، مەن تېخىمۇ تىرىشسام، ئاندىن پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئارزۇسىنى بىر - بىرلەپ ئىشقا ئاشۇرالايمەن.» تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، بىر پىكاپ سېتىۋېلىپ، ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ باقماقچى. مەن يەنە كۆپرەك پۇل تېپىپ، 5 - يىللىقتا ئوقۇيدىغان قىزىمغا تېخىمۇ كۆپ دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى ئېلىپ بەرمىسەم بولمايدۇ، «قىزىمنىڭ ئۆگىنىشى ناھايىتى ياخشى، ئۇنى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە بېيجىڭغا بېرىپ داشۆدە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن».
تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى قۇمئېغىل كەنتىنىڭ تەرەققىياتىدىن كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇمئېغىل كەنتى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۈزۈم، قوغۇن قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كەنتتىكى بېيىش باشلامچىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش، كەنتتە زاۋۇت قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى تېخىمۇ كېڭەيدى، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.
«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن بىزنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، مەن داۋاملىق تىرىشىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولۇمغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىمەن» دېدى تۇرسۇن.