تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

كومورو ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى −

​ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

«جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنىڭ سىرى نېمە؟» كومورو ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا بۇنىڭغا تولىمۇ قىزىقتى.

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، كومورو ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، شىنجاڭ مۇزېيى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى كارخانىلارنى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش تەجرىبىلىرىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىشكە تەشكىللەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىغا كىردى، ھەربىر سۈرەت، ھەربىر قىممەتلىك بۇيۇمدا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدا ئورنىتىلىش، راۋاجلاندۇرۇلۇش مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغانىدى. ئۇلار ھەيۋەتلىك شىنجاڭ خەلق سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، بۇنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىدىغان سەھنە ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى.

«شىنجاڭنىڭ سىياسىي جەھەتتە دېموكراتىك، ئاشكارا ۋە ئوچۇق ئىكەنلىكى نامايان قىلىنىپتۇ.» كومورو خەلق پارلامېنتىنىڭ 2 - مۇئاۋىن باشلىقى ھەيدەر نۇردىن سىدى ئېكسكۇرسىيەدىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ خەلق سارىيى بىزنىڭ پارلامېنت بىنايىمىزغا ئوخشايدىكەن، سىياسىي سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىمارەت ئىكەن، بۇ جاي بىزنىڭ ئېكسكۇرسىيەمىزنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش ئىشەنچىنى نامايان قىلدى».

كومورو ھىندى ئوكيانغا جايلاشقان ئافرىقا ئارال دۆلىتى، يېزا ئىگىلىكى خەلق ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ، خۇش پۇراق ئوت، قەلەمپۇر، بۈركۈت پەنجىسىمان كەترەن قاتارلىق خۇش پۇراق ماتېرىياللارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

«جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن كومورو نۇرغۇن جەھەتتە ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قېزىپ چىقالايدۇ. بولۇپمۇ كومورونىڭ ساياھەت بايلىقى مول، دېڭىز ئاراللىرىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى بىزنىڭكى بىلەن كۈچلۈك تولۇقلاشچانلىققا ئىگە ئىكەن، ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىكەن» دېدى ھەيدەر نۇردىن سىدى.

كومورونىڭ كارخانا ۋەكىلى دانىيېل ئابدۇللا بىر خۇش پۇراق ماتېرىيال كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى، سۆھبەت يىغىنىدا، ئۇ شىركىتى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان كانانگىئۇم، قەلەمپۇر، خۇش پۇراق ئوت قاتارلىق ئۈچ خىل جەۋھەر ماي مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر جەۋھەر ماي يەنە ئالىي دەرىجىلىك ئەتىرنىڭ خام ئەشياسى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئەۋرىشكىنى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ كۆرگەزمە قىلسام بولىدۇ، سېتىش يوللىرىنى ئېچىش ۋە كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

«تەدبىرلەر ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كومورو مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە قولايلىق يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.» كومورونىڭ كارخانا ۋەكىلى ئىبرايىم ھامدانى مۇنداق دېدى: كومورونىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ %50ى جۇڭگوغا سېتىلىدۇ، لېكىن نۆۋەتتە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى بارغانسېرى يۇقىرى بولۇش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، بولۇپمۇ 2019 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يۈك ساندۇقى تىرانسپورت ھەققى بىر ھەسسە ئاشتى.

شۇ كۈندىكى سۆھبەت يىغىنىغا شىنجاڭدىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت، خەلقئارا سودا قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار ئالتە كارخانا قاتناشتى. سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشتىن ئىقتىساد - سودىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقىچە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشى بارغانسېرى ئىستېرېئولۇقلاشتى.

ئىگىلىنىشىچە، كومورو ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلگەن، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە شىنجاڭ زۇنگۇي يېڭى يېمەكلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ياۋا ئات قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.