□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ
3 - ئايدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقى ئىللىقلىققا تولدى. خەلققە مەدەنىيەت ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش ئويۇن قويۇش ئەترەتلىرى يېزا - كەنت سەھنىلىرىگە بېرىپ، ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئوزۇقلاندۇردى ۋە بېيىتتى.
3 - ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭ كۈيسۆيەر ئوركېستىرىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت كىچىك شۆبە ئەترىتى خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسىنىڭ خىنە كەنتىگە باردى. ئىسكىرىپكىنىڭ سۈزۈك، باس ئىسكىرىپكىنىڭ مۇڭلۇق، ئۇزۇن كاناينىڭ جۇشقۇن ۋە قاپاق نەينىڭ لەرزان ئاۋازلىرى گىرەلىشىپ سىمفونىيەگە ئايلانغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى، ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدى. «ئۇلۇغ بېيجىڭ» «مودەنخان» «ئارزۇغا يېتىش» «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» قاتارلىق كىلاسسىك ناخشا - مۇزىكىلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قۇلاق تۈۋىدە لەرزان ياڭرىغاندا، ئۇلارنىڭ چېھرىدە ئىچ - ئىچىدىن ئۇرغۇغان بەخت تۇيغۇسى جىلۋىلەندى. «ئىلگىرى سىمفونىيەنى يان تېلېفون ۋە تېلېۋىزوردىلا كۆرگەنىدىم، بۇ قېتىم نەق مەيداندا ئاڭلاپ ئۆزگىچە تۇيغۇغا چۆمدۈم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇزىكا زالىغا بېرىپ سىمفونىيە ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى كەنت ئاھالىسى ئەمەرجان ئايۇپ.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىمفونىيەنى ئانچە چۈشەنمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سازەندىلەر مۇزىكا بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈش ھالقىسىنى ئالاھىدە تەسىس قىلدى. شىنجاڭ كۈيسۆيەر ئوركېستىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جىسۇڭ چالغۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىر - بىرلەپ نامايان قىلىپ، چالغۇلارنىڭ تۈرى، چېلىش ماھارىتى ھەم ئاۋاز قىسمىنىڭ ماسلىشىش پىرىنسىپىنى چۈشەندۈردى. كەنت ئاھالىلىرى چالغۇلارنى چۆرىدەپ: «ئۇزۇن كاناينى بەدىنى ناھايىتى قاۋۇل ئادەملەرلا ئۆگىنەلەمدۇ» «ئېلېكتىرونلۇق رويال چالالايدىغانلارغا پىيانىنو ئۆگىنىش ئاسانمۇ» دېگەندەك قىزىقارلىق سوئاللارنى سوراشتى، سازەندىلەر سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى، نەق مەيداندا قىزغىن ھەمتۈرتكىلىك پائالىيەتلەر قىزىپ كەتتى.
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ «ئانار دانىسى» ئەدەبىيات - سەنئەت كىچىك شۆبە ئەترىتى مەخسۇس مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ناخشا - مۇزىكا، ئۇسسۇل، رول ئېلىش قاتارلىق كۆپ خىللاشقان تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى مول ھاسىلاتقا ئېرىشتۈردى. سەھنە تېكىستى ئوقۇتقۇچىسى رىنات تالغات جانلىق ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق، كۇرسانتلارغا ھېسسىياتنى ئىپادىلەش بىلەن تەلەپپۇز رىتىمىنىڭ باغلىنىشىنى ئىگىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى: «تېزرەك سۆزلەش بىلەن ئاستىراق سۆزلەشنىڭ بېرىدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ.» ئۇسسۇل ئۆگىتىش ھالقىسىدا، ئوقۇتقۇچىلار ھازىرقى زامان ئۇسسۇل ئېلېمېنتلىرىنى قوشۇپ، كۇرسانتلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللەتلەر ئۇسسۇلىنى ئىشلەش - ئورۇنلاشتىكى مۇقىم شەكىلدىن بۆسۈپ ئۆتۈشىگە ياردەم بەردى. كۇرسانت گۈزەل ئىمىنجان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۆزۈمنى ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىگەندەك ھېس قىلدىم. بىز ھازىر مەدەت بېرىش ئەترىتى ئۇسسۇلىنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتىمىز، كېيىنچە مەدەنىيەت ئويۇنلىرىدا ئىشلىتەلەيمىز».
يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسى باغتوغراق يېزىسىنىڭ ئابدىرامان كەنتىدە ئوينالغان «چىن ھېسسىيات − مەن كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قاتنىشىمەن» ناملىق كىچىك تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇللۇق دىراما ئويۇن كۆرۈش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى. شىنجاڭ سەنئەت ئورنى شۇ جايدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئىجاد قىلغان بۇ دىرامىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»گە تەييارلىق قىلىشى توغرىسىدىكى ھېكايە ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان، ئەنسەي بەل دۇمبىقى، خور ماھارىتى قاتارلىق جانلىق كۆرۈنۈشلەر سىڭدۈرۈلگەن. قىزىقارلىق سەھنە تېكىستى، قايناق ھېسسىياتتا ئېيتىلغان ناخشا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۇسسۇل گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، سەھنىدىكى «تۈرلۈك ماھارەتلەر»دىن ئۆز سىيماسىنى كۆرگەن كەنت ئاھالىلىرى ئارقا - ئارقىدىن قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. دىرامىدىكى پېرسوناژلارنىڭ سەھنىگە بولغان سەمىمىي ئىنتىلىشى خۇددى مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئارتىسى ئېرشات ئېلىنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىدى: «ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىزگە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ ئىلھام. بىز بۇ دىرامىنى يېزىلاردا سەييارە قويىمىز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسى ئارقىلىق ئەسەرنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايمىز».