تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلارنى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

​جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلارنى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ لىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىلدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزى ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ئەگەر شىنجاڭنىڭ «تۈنۈگۈن»ىنى كۆپچىلىك ئورتاق ياراتقان ۋە قۇرغان دېسەك، شىنجاڭنىڭ گۈزەل «ئەتە»سىنى قۇرۇش ئوخشاشلا ھەرقايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى، مەدەت بېرىشىگە ئېھتىياجلىق. كۆپچىلىكنىڭ قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ئومۇمىيىتى، مىللەتلەر خىزمىتى ئاساسىي لىنىيەسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردە ياخشى ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىجىل تۈردە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ۋە تەشكىلات، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى تارماقلىرى سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، تۇرمۇش جەھەتتە ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىپ، پېشقەدەم يولداشلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، كەڭ پېشقەدەم يولداشلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.