− 2025 - يىللىق شىنجاڭ 15 - مارت خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدىن ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ يېڭى يۆنىلىشىگە نەزەر
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، 2025 - يىللىق شىنجاڭ 15 - مارت خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. ئالتە كۈنلۈك كۆرگەزمە مەزگىلىدە، كۆرگەزمىنى كۆرگەن ئادەم سانى 197 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە نەق مەيداندا پۈتۈشكەن ھەم ئالدىن زاكاز قىلىنغان ئاپتوموبىل 16 مىڭ 27گە يەتتى، ئومۇمىي سېتىش سوممىسى تەخمىنەن 2 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ يىلقى مەملىكەت بويىچە تۇنجى مەيدان B دەرىجىلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئاپتوموبىل ئىستېمالىدىكى نۇرغۇن يېڭى يۆنىلىشنى نامايان قىلدى.
سىياسەت گىرەلىشىپ ئالماشتۇرۇش قۇۋۋىتى قويۇپ بېرىلدى
بۇ نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى دەل 2025 - يىللىق شىنجاڭ سودا ساھەسىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغان مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە، ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ، يېڭىلاش ۋە ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇپ، يېڭىلاش ياردەم پۇلى سىياسىتى بىلەن ھەرقايسى چوڭ ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىنىڭ باھانى چۈشۈرۈپ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى قوش ئېتىبارنى شەكىللەندۈرۈپ، نۇرغۇن ئىستېمالچىنى كېلىپ ئاپتوموبىل تاللاش، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ليۇ تاۋ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە مۇنداق بىر ھېسابات قىلىپ بەردى: مەن كۆڭلۈمدىكىدەك يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدا دۆلەت ياردەم پۇل بېرىش ۋە كارخانىلار ئېتىبار بېرىشتىن ئىبارەت قوش گىرەلىشىش ئارقىلىق 50 مىڭ يۈەن تېجەپ قالالايدىكەنمەن، بۇ %20 ئېتىباردىن بەھرىمەن بولغانغا باراۋەر.
ئىستېمالچىلارنى سىياسەتنى تېخىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوندىكى سودا تارماقلىرى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 5 - نومۇرلۇق سارىيىدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت سۇپىسى تەسىس قىلدى.
بۇ يىل، شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىڭ يۈەنگە، ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇپ، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 15 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستېمالچىلار «مەملىكەتلىك ئاپتوموبىل ئوبوروت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش» سىستېمىسى تور بېكىتى ياكى «ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق ياردەم پۇل مەبلىغى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
«سىياسەتنىڭ لايىھەلىنىشى تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، سودا تارماقلىرى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھالقىسىنى ئەلالاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوماتىك تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھالقىسىنى كىرگۈزدى، مەبلەغ سۇپىدىن شەخسلەرگە بىۋاسىتە ئۇرۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، سۈرئەت تېخىمۇ تېز بولىدۇ.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئىلتىماس قىلىش سۇپىسى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە 7526 ئاپتوموبىل بىراك قىلىپ، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ۋە ئالماشتۇرۇپ، يېڭىلاش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلىنغان.
سىياسەتنىڭ گىرەلەشمە ئۈنۈمى ئىستېمالچىلارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماي، يەنە ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 100دىن ئارتۇق داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىسىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. جىلى ئاپتوموبىلى پۈتۈشۈش مىقدارى 1077 بولۇشتەك نەتىجە بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە سېتىلىش مىقدارى بويىچە چېمپىيون بولدى، گۇاڭچى فېڭتيەن ۋە بىيادى ئاپتوموبىلى سېتىلىش مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1000 ۋە 750 بولۇشتەك نەتىجە بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىلا تۇرغان بولۇپ، كۈچلۈك بازار رىقابەت كۈچىنى نامايان قىلدى.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىنقىلابى سەپەرگە چىقىش تەسىراتىنى يېڭىلىدى
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بۇ نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدىكى مۇتلەق «باش پېرسوناژ» بولۇپ قالدى، نۇرغۇن يېڭى ئېنېرگىيەلىك داڭلىق ماركىلار بۇ جايدا ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى، ئاپتوماتىك ھەيدەش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورغا ئۇلاش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكىلار بەس - بەستە بەيگىگە چۈشۈپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
كۆرگەزمە سارىيىغا كىرگەندە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ھېس قىلىش رايونى باشتىن - ئاخىر ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى. بىيادى ئاپتوموبىلى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل تىپىغا «تيەنشېن جىيەن» يۇقىرى تەرتىپلىك سىستېما ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ سىستېما تەقلىدىي شەھەر يوللىرىدا توسۇقلارنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا ئاپتوماتىك كىرەلەيدۇ.
بىيادى ئاپتوموبىلى ۋاڭچاۋ تورى شىنجاڭ چوڭ رايونىنىڭ تىجارەت دىرېكتورى ۋاڭ شياۋفېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگەن يەتتە خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەش ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ھەممىسى شوپۇرنىڭ ھالىتىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرالايدۇ، دىققىتى ئۈچ سېكۇنتتىن ئارتۇق چېچىلىپ كەتسىلا ئالدىن سىگنال بېرىدىغان بولۇپ، ھەيدەش بىخەتەرلىكى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.
ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە جەمئىي 80 خىل يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىل تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە %70ىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كابىنا سىستېمىسى ئورنىتىلغان، %50ىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەملىشىپ ھەيدەش ئىقتىدارى سەپلەنگەن.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆركەم ياسالغان SUV − فاڭچېڭباۋ باۋ 8 تىپلىق ئاپتوموبىل ئېلىپ يۈرىدىغان ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلىدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ سىستېمىسى قاتارلىق «قارا پەن - تېخنىكا»لار كۆرگەزمە قىلىنىش بىلەنلا، ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئۈرۈمچى فاڭچېڭباۋ ئاپتوموبىل سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سۇ شەن مۇنداق تونۇشتۇردى: فاڭچېڭباۋ باۋ 8 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئامبىرى بار بولۇپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئاپتوماتىك ئۇچالايدۇ، قونالايدۇ، يەنە ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ سىن تارتالايدۇ، مەيلى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىپ سۈرەتكە تارتىش، يول ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئاپتوموبىل ئەترىتىگە يول باشلاش بولسۇن ياكى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى سىنغا ئېلىش، يەر شەكلىنى ساۋمياۋ قىلىش بولسۇن، ھەممىسى ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىللاردىن ھالقىش تەسىراتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 1 مىليون يۈەن دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيەلىك ياڭۋاڭ U9 ، U8 تىپلىق ئاپتوموبىللارمۇ بىر قاتار «قارا پەن - تېخنىكا»لار ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى قەدىمىنى توختىتىشقا جەلپ قىلدى. بۇ ئىككى خىل ئاپتوموبىل تىپى ئىقتىدار، مەشغۇلات قىلىش - كونترول قىلىش ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردە بىردەك ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىدىكى ئىپادىسى ئوخشاشلا ياخشى بولدى.
ئۈرۈمچى ياڭۋاڭ مەركىزىي دۇكىنىنىڭ دۇكان باشلىقى جاڭ شىنۋېي مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، ياڭۋاڭ داڭلىق ماركىسىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ شىنجاڭدىكى سېتىلىش مىقدارى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. بۇ يىل، ياڭۋاڭ داڭلىق ماركىسىنى ھېس قىلىش مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ياخشى بولغان سېتىشتىن كېيىنكى ھېس قىلىش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىمۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك مۇسابىقە يولىدا يېڭى ماھارىتىنى كۆرسەتمەكتە. خۇڭچى تيەنگۇڭ 08 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستى تەرىپى لەيلىمە شەكىلدە، تېڭشى N9 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكى كېپىنەك قانىتى شەكلىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئېستېتىكا گېنى ئېلېكتىرلەشكەن تىپ ئۆزگەرتىشكە كىرگۈزۈلدى. دۇڭفېڭ رىچەن ئاپتوموبىل شىركىتى باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يەتكۈزۈش ئەگرى سىزىقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەڭشەش ئارقىلىق، توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا بىئارام بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
بازارنىڭ جانلىنىشى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى
ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورغا ئۇلاش تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئالماشتۇرۇپ سېتىۋېلىش سىياسىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، خاس ئېھتىياجنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، يىل بېشىدىكى بۇ مەيدان ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ئىستېمال قىزغىنلىقى قوزغاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ ئاپتوموبىل كەسپى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئېنىق يولىنى سىزىپ بەردى.
شىنجاڭدا زاۋۇت قۇرغان ئاپتوموبىل كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇاڭچى چۇەنچى ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل تىپى يەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا، گۇاڭچى چۇەنچى شىركىتى ئېلان قىلغان DeepSeek ئاۋازلىق چوڭ مودېلى ئورنىتىلغان S7 تىپلىق يېڭى ئاپتوموبىل كۆپلىگەن ئىستېمالچىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.
گۇاڭچى چۇەنچى ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى نۆۋەتتە ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش سېخى، ماي قاچىلاش پونكىتى، ئاپتوموبىل سىناش يولى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى قۇردى، چۇەنچى M8، چۇەنچى GS8، چۇەنچى E8، يىڭكۇ قاتارلىق 20 خىلغا يېقىن ئاپتوموبىل تىپى بويىچە بىردەك تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بولۇپمۇ MPV يۈرۈشلۈكىدىكى چۇەنچى M8، يىڭكۇ قاتارلىق ئاپتوموبىل تىپلىرى شىنجاڭ ساياھەت بازىرىدا ياقتۇرۇشقا ئېرىشتى.
«بۇ يىل ئەگەر يېڭى ئېنېرگىيە بويىچە سالاھىيىتىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز تەستىقلانسا، بىز يەنە بىر قىسىم يېڭىلانغان ئاپتوموبىللارنى كىرگۈزۈپ ئۈرۈمچىدە ئىشلەپچىقىرىمىز.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لو خەيتيەن مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ ئاپتوموبىل تىپىنىڭ شىنجاڭغا كىرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىركىتىمىز يەنە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى بازىرىنى داۋاملىق ئاچىدۇ ھەم چەت ئەلدىكى خېرىدارلارغا قارىتا زاكازلىق ئاپتوموبىل تىپىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يەرلىكتە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ «سىرتقا چىقىرىلىشى»غا تۈرتكە بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىنى ئىگىلەش نىسبىتى تەدرىجىي ئاشتى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ساقلانما مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىستېمال بازىرىدا توكلىغۇچنىڭ ئىقتىدارىغا بولغان تەلەپمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدىكى 1104 يېزا - بازاردا ئاممىۋى توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى قۇرۇلغان بولۇپ، قاپلاش نىسبىتى 2024 - يىلىنىڭ بېشىدىكىدىن %50 ئاشقان. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش تىجارەت رايونى ئىچىدىكى بارلىق مەمۇرىي ناھىيەلەرنى ئاممىۋى توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، يېزا - بازارلارنى قاپلاش نىسبىتى %90تىن ئاشقان، جەمئىي 7912 توكلىغۇچ ئاپتونوم رايوننىڭ ئاقىل توك قاچىلاش مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئۇلانغان.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ماركېتىڭ مۇلازىمەت مەركىزى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ كەسىپ مەسئۇلى ليۇ ۋېنجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىرغا قەدەر، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى چەت، يىراق يېزا - كەنتلەردە ئاممىغا توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىدىن 394نى ئېچىۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە تۇراقلىق توكلۇق توكلىغۇچتىن 214ى، ئۆزگىرىشچان توكلۇق توكلىغۇچتىن 180ى بار. پۈتۈن شىنجاڭدىكى توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى تورىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىمۇ توك قاچىلاش كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولدى.