تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ھەم 2025- يىلى 1 - پەسىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

​مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ھەم 2025 - يىلى 1 - پەسىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش كۈچەيتىلىپ، تۈجۈپىلىك ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، نىشانلىق كۈچەپ، «تۆت پەسىلدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە، پۇختا تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، تۈزەشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى «قەتئىي ياخشى قىلىش»تىن «چوڭقۇر ياخشى قىلىش»قا ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرانى تۈزەشتە «تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ مەنبەدىن تەكشۈرۈش»كە كۈچ قوشۇپ، رايونلاردىكى بۇلغىما مەنبەسىنىڭ تېگى - تەكتىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى دەل جايىدا تىزگىنلەشتە تۈگۈننى دەل جايىدا تېپىش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، سىجىل تۈردە «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»گە كۈچەپ، «پاكىز بولۇش»قا قاراپ تەڭشەپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بۇلغىما چىقىرىشنى مەنبەدىن ئازايتىش بوشلۇقىنى چوڭقۇر قېزىپ، رايون ئىچىدىكى «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» بويىچە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك، پاكىز ئېنېرگىيەلىك موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئورنىغا دەسسىتىپ يېڭىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چاڭ - توزاننى ھەرىكەت ھالىتىدە، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى جابدۇقلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىش ساھەسىدە ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە يېنىكلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزەش ھارارىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىت قوغداش ئۈنۈمىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى كېڭەيتىپ، مۇھىت قوغداش سېلىنمىسى يۇقىرى، ئۈنۈمى ياخشى كارخانىلارنى سىياسەت پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، مۇھىت قوغداش نامىدا «ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش» «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈش كېرەك.

يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يەنە غۇلجا شەھىرىدىكى قىسمەن كارخانىلار، دۆلەت تىزگىنلەيدىغان ئاتموسفېرانى تەكشۈرۈپ بېكىتىش نۇقتىلىرى، يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

جۇ لىفەن، ۋەن پىڭ، ياڭ شيۇلى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.