ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
1 - پەسىللىك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، باي، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسىگە بېرىپ، ئالاقىدار كارخانىلارغا، تۈر قۇرۇلۇشى بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش، ئەتىيازلىق يەر ئاغدۇرۇش، تېرىش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەق مەيداندا مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانچىلىك كۆپ ئىشلىگىلى بولسا شۇنچىلىك كۆپ ئىشلەپ، 1 - پەسىللىك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش كېرەك.
باي ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى شىركىتىنىڭ گاز يىغىش پونكىتىدا، ئەركىن تۇنىياز تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوننىڭ كۇچا - باي رايونىدا كۆمۈر قاتلىمى گازىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىش، پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەز كارخانىلىرى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى قاتارلىقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق سالمىقىنى زورايتىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ كۆمۈر قاتلىمى گازى زاپىسىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يىل ئىچىدە يېڭى بۆسۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
خام ماتېرىيالنى قەيەردىن كىرگۈزۈسىلەر؟ قىيىنچىلىقىڭلار بارمۇ؟ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش جەھەتتە قانداق پىلانىڭلار بار؟ ئەركىن تۇنىياز تيەنرۇي ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ مەھسۇلات لىنىيەسىنى بېيىتىش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش پىكىر يولى، پىلانى ھەمدە ئادەم ئىشلىتىش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى مول، خىمىيە سانائىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكى روشەن. نەزەر دائىرىنى يىراق كەلگۈسىگە قارىتىپ، ئۆز جايىنىڭ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، سودىگەر ئارقىلىق دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ ۋە توپلاپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز يەنە ئاۋدۇ شېكەرچىلىك شىركىتى ۋە شىركەتنىڭ قىزىلچا ئۆستۈرۈش بازىسىغا بېرىپ، شېكەرچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قىزىلچىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ كارخانىنى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەننەرخنى كۈچەپ تۆۋەنلىتىپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
باي ناھىيەسىنىڭ مىچىغ يېزىسى يۇقارقى ئارچىغ كەنتىدە، ئەركىن تۇنىياز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئامما بىلەن پاراڭلاشتى، كېيىنكى پىلانلىرى توغرىسىدا مۇڭداشتى. ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەي، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاشقا ئىلھاملاندۇردى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئاقسۇ ۋىلايىتى قىلچە بوشاشماي مۇقىملىقنى تۇتۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى ئۈنۈملۈك مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكى، قىزىل سىزىقىنى ھەقىقىي چىڭ ساقلىشى كېرەك. 1 - پەسىللىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، خاس باغۋەنچىلىك قاتارلىقلارغا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئېنېرگىيەنى پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر»دە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.