ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولىمىز
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئارقا - ئارقىدىن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش روھى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى:
پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز
3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى كادىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشىمىز؛ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىشىمىز؛ ئۆزئارا سىڭىشىپ، يۇغۇرۇلۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ئورتاقلىقنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز؛ سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى:
جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز
3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى پارتىيە كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئىزچىللاشتۇردى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەۋقەنى گۇڭئەننىڭ مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، دادىل نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇنەۋۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، ئىلغارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز؛ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ تۈگىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قارا - رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ قەتئىي تەۋرەنمەي گۇڭئەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىچە ساقچى ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گۇڭئەن چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئەمەلىي جەڭدە قوللىنىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك جەڭ قىلىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈشىمىز؛ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى:
زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە تۈگىتىمىز
3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشتا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن، قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەت بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كان، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، سانائەت - سودا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە توسۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم بولۇپ ياخشىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى:
ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ئۆستۈرىمىز
3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى كادىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز؛ دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمىتىنىڭ كۈچ قوشۇش رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش ساھەسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكى ۋە باشلامچى ئورنىنى مۇستەھكەملىشىمىز، ئۆستۈرۈشىمىز؛ ئىچكى باشقۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىستىلنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى:
ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز
3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىپ، تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلارنى تەكشۈرۈش - يېتەكلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشىمىز كېرەك. دىققەتنى ئەمەلىي جەڭگە، تاۋلىنىپ غەلىبە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ بويىچە مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان قوماندانلىق سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشقان، پەن - تېخنىكىلاشقان ئەمەلىي قوللىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈشىمىز كېرەك.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار يەن شياۋتيەن، سۈي يۈنيەن، ياڭ شۇخەن، گو لىڭ)