خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۈرۈمچىدە قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى باقايېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، باقايېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دۆلىتىڭلار بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا قويۇق ئالاقىسى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقى كەڭ پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان يېقىن قوشنا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىككى تەرەپ تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر تاللاش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى زىچ قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا ئەمەلىي تۈرتكە بولۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو شىنجاڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلماقتا، بىزنىڭ ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئىشەنچىمىز بار، شارائىتىمىز بار. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قازاقىستان تەرەپنىڭ ئالاقىدار شەھەر، ئوبلاستلىرى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى ۋە ئۇدۇللىشىشىنى كۈچەيتىپ، پورت قاتارلىق نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ - چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش، تۈرتكە بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ، شياڭگاڭ) − قازاقىستاننىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش نەتىجىلىرىنى پائال كېڭەيتىشىنى، يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.
باقايېف مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قازاقىستاندىكى ھەرقايسى جايلار جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سىجىل تىرىشىپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. قازاقىستان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت بېكىتكەن سودا سوممىسىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى داۋاملىق ياخشى ھەل قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى، قاتناش، كەسىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېررورىزمغا زەربە بېرىش جەھەتتە ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىياتى، خەۋپسىزلىكى ۋە ھەمكارلىق تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداشنى ئۈمىد قىلىمەن. قازاقىستان جۇڭگو شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ، پائال ياخشى شارائىت يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدايدۇ.
قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن ۋېيجۈن، ياڭ شيۇلى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.