زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۈرۈمچىدە كومورو خەلق پارلامېنتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى باكو ھەم ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى كومورو ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جىڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن باكو ھەم ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بەلگىلەپ بېرىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بېرىپ، شىنجاڭنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى بۇ قېتىم نەق مەيدانغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتى ۋە تۈرلۈك ئىشلاردىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كۆردى، شۇنداقلا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كۈچلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا قاراتقان ساختا تەشۋىقاتىنىڭ پۈتۈنلەي پىتنە - ئىغۋا توقۇش، بوھتان چاپلاش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتى. جۇڭگو شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەريانىدا، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بىز رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو − ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر ئالتە چوڭ تەشەببۇس ۋە «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كومورو بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالاقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشىمىز. كومورو تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلارنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
باكو مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، يەرلىك بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونى يەنىمۇ چۈشىنىپ، كۆپ نەپكە ئېرىشتۇق. جۇڭگو شىنجاڭ گۈزەل جاي ئىكەن، جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتىدىكەن. جۇڭگو شىنجاڭنى پائال تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، ئافرىقا جەمئىيىتىگە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىش بىلەن بىللە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى پائال كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كومورو - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىگە ئورتاق مۇلازىمەت قىلىمىز.
كومورو خەلق پارلامېنتى ۋە ئالاقىدار سودا جەمئىيەتلىرى، كارخانا ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن ۋېيجۈن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.