تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭدا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش 30 يىل ئىلگىرى شېنجېندا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانغا باراۋەر»

− 2025 - يىللىق شىنجاڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش يىغىنىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن

«قايسىسىنى دەيسىز؟ ئاقتۇ كۆك جىلغا ئالتۇن كېنىنى دەمسىز؟ بۇ كاننىڭ ئورنى بۇ يەردە...» 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2025 - يىللىق شىنجاڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش يىغىنىدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش - ئېچىش، باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جىن گوفېڭ بىر تەرەپتىن قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ مېتال كان ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىلىدىغان جەدۋەلدىن رايون بۆلىكىنى جەزىملەشتۈرسە، بىر تەرەپتىن يەرشارىنىڭ تۆت ئۆلچەملىك ئەمەلىي ۋاقىت خەرىتىسى ئارقىلىق، كارخانىلارغا بۇ رايون بۆلىكىنىڭ ئورنى، يەر شەكلى، يەر يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشى قاتارلىقلارنى ئىستېرېئولۇق، بىۋاسىتە تونۇشتۇردى.

بۇ قېتىمقى نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش يىغىنى 2025 - يىللىق شىنجاڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى رەسمىي باشلىنىشتىن ئىلگىرى، مەملىكەت بويىچە كانغا ئالاقىدار 240 نەچچە كارخانا ۋە شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۈچۈن مەخسۇس بەرپا قىلىنغان يۈزتۇرا ئالماشتۇرۇش سۇپىسى.

«يېرىم سائەت ۋاقىتتا، بىز ئون نەچچە كارخانىنى كۈتۈۋالدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، جياڭشىدىن كەلگەن كارخانىلار بار.» جىن گوفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «تاغلىق ئوبلاست» بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ قېزىلما بايلىقى مول، بۇ قېتىم ئاساسلىقى 52 مېتال كېنى ۋە توققۇز مېتاللوئىد كېنى تونۇشتۇرۇلدى، ئالتۇن، مىس، ۋانادىي، تىتان، تۆمۈر قاتارلىقلار كارخانىلار ئەڭ كۆپ مەسلىھەت سورىغان كان تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

«ئىلگىرى بىز بازار ئىزدىگەندە، يەككە ھەرىكەت قىلىپ ئېرىشكەن ئۇچۇر چەكلىك ئىدى. ھازىر شەھەر باشلىقى بىلەن بىۋاسىتە يۈزتۇرا تۇرۇپ مۇۋاپىق تۈرنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرغىلى بولىدۇ.» تۇڭلىڭ خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى لى شياۋچياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ بۇ ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلغانلىقى ناھايىتى ياخشى بولدى، كارخانىلار ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ قېزىلما بايلىق ئەھۋالى ۋە كانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر سىياسەتلىرىنى تېزلىكتە تەپسىلىي ئىگىلىيەلەيدۇ. مەن ھازىرقى كەسىپ ساھەسىدە كەڭ تارقالغان مۇنداق بىر جۈملە سۆزگە چوڭقۇر ئىشىنىمەن: «شىنجاڭدا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش 30 يىل ئىلگىرى شېنجېندا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانغا باراۋەر».

لى شياۋچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كوللېكتىپىمىز ئالدىنقى كۈنى ھەقلىق بېرىش تۈرى تەشۋىقات ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋېلىپلا، «ئائىلىدىكىلەر» زىچ ماسلىشىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، 311 كانچىلىق ھوقۇقىنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەپ تاللاپ چىقتۇق. مەسلىھەت بېرىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، مەن كېچىلەپ ئىشلىگەن جەدۋەلنى ئېلىپ، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن بىرمۇبىر «جەدۋەل بويىچە سېلىشتۇرۇپ» كېڭەشتىم.

«بۇ خىل كانچىلىق ھوقۇقىنى مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش ئۇسۇلى كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىق بازىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.» بۇلتۇردىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان چۇڭچىڭ يۈشياڭ ئوقەتچىلىك (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋۇ خۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز ھەقلىق بېرىش ئالدىدا تۇرغان 36 نېفىت - تەبىئىي گاز رايون بۆلىكىدىن ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان پۇرسەتنى ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈمدە تېپىپ چىقىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تارقالغان ئۈچ رايون بۆلىكىنى نۇقتىلىق تاللىدۇق، «كېيىنكى قەدەمدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەقلىق بېرىش ئۇچۇرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا پائال قاتنىشىپ، گۇرۇھىمىزنىڭ كەسپىنى نېفىت - تەبىئىي گاز يۇقىرى ئېقىن بازىرىغا كېڭەيتىش ئۈچۈن تېز ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىمىز».

2021 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈۋاتقان شەندۇڭ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن باشلاپ، تۇرپان، تارباغاتاي، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى كان ھاسىل بولغان بەلباغدا يەتتە ئورۇندىكى ئەلا سۈپەتلىك كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. شەندۇڭ ئالتۇنچىلىق (بېيجىڭ) كەسىپكە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى چى ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، بىز شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورنى، سودا مەركىزى قاتارلىق جايلاردا 20 نەچچە كۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، «گۇرۇھىمىز شىنجاڭنىڭ كانچىلىق بازىرىنى سىجىل چوڭقۇر قېزىپ، بايلىق زاپىسى سىغىمىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئالتۇن كان بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش سالمىقىنى زورايتىدۇ».

«ئالتاي ۋىلايىتى كانچىلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىپ، <بىر يۈرۈش> بېجىرىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى <ئۆي خىزمەتچىسى شەكلى>دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.» ئالتاي ۋىلايەتلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى قېزىلما بايلىقلارنى باشقۇرۇش - نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يەن خۇڭكۇەن كارخانىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش بىلەن بىللە، يەنە شۇ جاينىڭ پايدىلىق سىياسەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

مەسلىھەت بېرىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ بانكىسى، گۈللىنىش بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمۇ مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان كانغا ئالاقىدار كارخانىلارنى نەق مەيداندا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قەرز پۇلى بويىچە مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.