ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتىمىز
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئارقا - ئارقىدىن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە دائىر قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى ئەمەلىي مەنزىرە خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى:
زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇش
3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق مەھكىمىنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈپ، نەرسە ھوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تالاش - تارتىشنى تۈگىتىشنى پۇختا ئىشلىشى كېرەك؛ ئادىل مەھكىمە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەگەر مەن دەۋا قىلسام»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار دېلولارنى ياخشى بېجىرىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك؛ ئىسلاھات ئارقىلىق مەھكىمىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوت قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوت قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، مۇرەسسە خىزمىتىنى ئالدىغا ئۇزارتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ خىل شەكىلدە تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ مەھكىمىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش ۋە كۆيۈنۈشنى تەڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ساپا، كەسپىي ساپا، كەسىپ ئەخلاقى ساپاسى قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى:
«ئىچكى» «تاشقى» ئىككى سەھىپىنى ياخشى پۈتىمىز
3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، دىققەتنى سودا ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسەت پايدىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىستېمالنى «كېڭەيتىش»تە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودىنى «مۇقىم»لاشتۇرۇشتا ئەمەلىي ئىش قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ «يېڭىلىق يارىتىش»تا يېڭى سەھىپە پۈتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پورتلارنىڭ «راۋان» بولۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشتا «ئەلا» بولۇپ نەتىجە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا «ئىلگىرى سۈرۈش»كە كۈچ سەرپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، باغچە رايونلىرى «سۈپەت» جەھەتتە ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆرگەزمىنى «ياخشى» ئۆتكۈزۈشتە ئىنچىكە بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رايون ھەمكارلىقىدا «يۇغۇرۇلۇش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سودا كۈچىنى قوشۇشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى:
شىنجاڭنىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇ يىل قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن تىرانسپورتقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا تاشيول قاتنىشىغا 80 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاشنى پىلانلاپ، تۈرلەرنى داۋاملىق تۇتۇش، سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، تىرانسپورت، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر گو شېڭ مۇنداق دېدى: باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەتنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «شىنجاڭ قاتنىشى ياخشى»نى ماركا قىلغان مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىدىكى غول لىنىيە تاشيوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، تۈگۈن ۋە مەنزىرە رايونلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيوللارنى ئەلالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قاتناش - تىرانسپورتتىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى:
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىمىز
3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەۋقەنى پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ سىياسىي ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، غەربىي قىسىم پىلانى تۈرىنى يۇقىرى سۈپەتتە يولغا قويۇپ، «ئىلىم - پەننى سۆيىمىز» ياش - ئۆسمۈرلەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىش كېرەك.
(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ياڭ شۇخەن، خېي خۇڭۋېي، لۇ فېڭباۋ، يەن شياۋتيەن)