□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ
«ئاپتوموبىل يول ئۇلىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىپتۇ، جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەن!»
3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 14تە، ئالتاي شەھىرى شۆدۇ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ۋىيشىن توپىغا جىددىي ئۇقتۇرۇش كەلدى.
شۇ كۈنى، ئالتاي شەھىرىدە قېلىن قار يېغىپ، قىسمەن جايلاردىكى يىغىندا قارنىڭ قېلىنلىقى 40 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتتى، يوللاردا كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشى توسالغۇغا ئۇچرىدى.
«مەن يېقىن ئەتراپتا، بارالايمەن!» ھادىسە يۈزبەرگەن جاي − خۇڭدۆڭ بازىرى سۈت كالىسى فېرمىسىغا ئەڭ يېقىن ئورۇندىكى ئەترەت ئەزاسى ئېرلان دوسان ئۇچۇرنى كۆرۈپلا دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپلا سىرتقا قاراپ يۈگۈردى. ئاپتوموبىل سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بۇ قېتىمقى قېلىن قارنىڭ قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، يەنى ئاپتوموبىل گەۋدىسى بىر مىنۇت ئارتۇق پېتىپ قالسا، ئۆرۈلۈپ كېتىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ بىر ئۈلۈش ئاشىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
قار قاتتىق يېغىۋاتقان بولۇپ، كوچىدا كېتىۋاتقان ئادەم ۋە ئاپتوموبىللارنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايتتى. ئېرلان مامۇق چاپانغا چىڭ ئورىنىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ قاتتىق يېغىۋاتقان قار ئىچىدە ئۇزاپ كەتتى.
كۆرۈش دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان قار ئىچىدە، ئېرلان ئەينەك سۈرتكۈچنىڭ خوت ئورنىنى ئەڭ كۈچلۈك ھالەتكە تەڭشىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئەينەككە ئۇرۇلۇۋاتقان قار ئۇچقۇنلىرىنى سۈرتۈپ ئۈلگۈرىتەلمىدى. سۈت كالىسى فېرمىسىغا تۇتىشىدىغان يېزا يولى قېلىن قار بىلەن قاپلانغانىدى، «ئاپتوموبىلىممۇ بىرنەچچە قېتىم تېيىلىپ يولدىن چەتنەپ كېتىپ، يول ئۇلىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى.» قارلىق يولدا ئون نەچچە يىل ئاپتوموبىل ھەيدەش تەجرىبىسىگە ئىگە بۇ پېشقەدەم شوپۇر رولنى مەھكەم تۇتۇپ، يەر شەكلىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇردى، تېيىلغاق يول بۆلىكىگە دۇچ كەلگەندە ئاپتوموبىلنى توختىتىپ گۈرجەك بىلەن چاق ئاستىدىكى قارلارنى تازىلىدى، ئاپتوموبىل تەستە ئىلگىرىلىدى.
نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، قاپسىلىپ قالغان پىكا ئاپتوموبىلنىڭ ئوڭ تەرەپ ئارقا چاقى سۇ چىقىرىۋېتىش ئازگىلىغا تولۇق پېتىپ قالغان بولۇپ، ئاپتوموبىل خېلىلا قىيسىيىپ قالغانىدى، ھەر ۋاقىت ئۆرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.
ئېرلان بىلەن ئاپتوموبىل ئىگىسى باقىتبېك سېرىك دەرھال ئاپتوموبىل سۆرەش ئارغامچىسى بىلەن ئاپتوموبىلنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چاق ئاستىدىكى توڭ تۇپراقنى نۆۋەت بىلەن كولاپ، زاپاس تەييارلىۋالغان تېيىلىشتىن ساقلىنىش قۇم - شېغىلىنى بىر گۈرجەك - بىر گۈرجەكتىن چاقنىڭ ئاستىغا قۇيدى. شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن قار دانچىلىرىغا قۇم - شېغىللار ئارىلىشىپ يۈزگە ئۇرۇلاتتى، ئۇلار كىيىۋالغان مامۇق چاپانلار قار سۈيىدە ھۆل بولۇپ مۇز تۇتۇپ كەتتى، ئېغىزدىن چىققان ئاپپاق ھور كىرپىكلەردە مۇز بولۇپ قاتتى... 40 نەچچە مىنۇت قايتا - قايتا تەڭشەش ئارقىلىق، موتورنىڭ گۈرۈلدىشىگە ئەگىشىپ، قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىل ئاخىر خەتەردىن قۇتۇلدى.
«قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى!» سائەت 16دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېرلان توپتا جاۋاب قايتۇردى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بەس - بەستە «باش بارماق» ئىپادىسىنى ئەۋەتىپ ئالقىشلىدى.
قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان بۇ مەيدان قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش شۆدۇ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ شۇ كۈندىكى ئون نەچچە قېتىملىق ئاتلىنىشى ئىچىدىكى بىر كۆرۈنۈش. ئەترەت قۇرغۇچىسى لو رۇيجۈن مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل كەسىپكارى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي، دالا ھەرىكىتى ھەۋەسكارى قاتارلىق 500دىن ئارتۇق پىدائىيدىن تەشكىللەنگەن بۇ قوشۇن 2015 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، چەكسىز قارلىق دالىدا سانسىزلىغان قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىزلىرىنى قالدۇردى. قېلىن قارلىق كېچىدە دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قوغداپ بارىدىغان جايىغا ئاپىرىپ قويۇشتىن، ياز پەسلىدە تاغ ئىچكىرىسىدە يولدىن ئېزىپ قالغان ساياھەتچىلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇشقىچە... ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرغان بۇ ئەترەت ئەزالىرىنى كۆپچىلىك يېقىملىق ھالدا «تاشيول پالۋانلىرى» دەپ ئاتىشىدۇ.
ئون يىلدا قانچىلىك ئاپتوموبىلنى قۇتقۇزغانلىقى، ياردەم بەرگەنلىكى، قانچە كىشىگە ياردەم قىلغانلىقى لو رۇيجۈننىڭ ئېنىق ئېسىدە يوق، ئەمما ئەڭ ئېنىق ئېسىدە قالغىنى شۇكى، دەسلەپتە قۇرۇلغاندا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئاران بەش ئەزاسى بار ئىدى، ھازىر كۆپىيىپ 500دىن ئېشىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بارلىق ناھىيە، شەھەرلىرىنى قاپلىدى. ھازىر، شۇ جايدىكى مېھمانساراي، مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايلىرىدا شۆدۇ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بار. لو رۇيجۈن يەنە ھەر قېتىملىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كەچۈرمىشىنى دوۋيىن سۇپىسىدا ئېلان قىلىدۇ، بۇ سىنلاردىمۇ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قالدۇرۇلغان بولۇپ، خەتەرگە يولۇققانلارنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتى.
«كىممۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىمايمەن دېيەلىسۇن؟» ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئېرلان كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەن ساتقان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىگە سۆرەش ئارغامچىسى سەپلەنگەن!» دېدى، ئۇنىڭ يان تېلېفونىنىڭ ئاۋازى 24 سائەت ئەڭ يۇقىرى ھالەتتە ئوچۇق تۇرىدىغان بولۇپ، قۇتقۇزۇش سىگنالىغا ئاۋاز قوشۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ.
■ مۇخبىرنىڭ تەسىراتى
قار - مۇز يولىدا ھارارەت بار
قار - شىۋىرغانلىق يولدا، ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ قارلىق دالىدا 40 نەچچە مىنۇت قۇتقۇزۇشى ۋە ياردەم بېرىشى كىشىلەرگە چىن قەلبتىن ئۇرغۇپ چىققان ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى.
بۇنداق ھېكايىلەر ئالتاي شەھىرى شۆدۇ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتىگە ھەر كۈنى ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئاپتوموبىل رېمونتچىسىدىن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيگىچە، ئائىلىۋى مېھمانخانا لوبىنىدىن قار تېيىلىش تىرېنېرىغىچە، 500دىن ئارتۇق پىدائىي ئۆز مېھىر - مۇھەببىتى ئارقىلىق قوغداش تورى توقۇپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرگە يەتكۈزدى. ئەترەت قۇرغۇچىسى لو رۇيجۈننىڭ يان تېلېفون ئالبومىدا نۇرغۇن سىن ۋە سۈرەت ساقلانغان بولۇپ، كىشىلەر بۇ سىن ۋە سۈرەتلەردىن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كۈچلىرىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە بىر شەھەرنىڭ ئىللىق پەزىلىتىنى كۆرەلەيدۇ.
بۇ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خادىملىرى دەل شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە، بەزى كىشىلەر ھەمىشە قىزغىنلىقى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈمىد بېغىشلاپ، قار - مۇزلارنى ھارارەتكە تولدۇرىدۇ.