تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالتە چوڭ ھەرىكەت شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى قاتارلىق توققۇز تارماق يېقىندا بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«لايىھە»دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتقان.

«لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالتە چوڭ نۇقتىلىق ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدىكى «باشلامچى ناھىيە»دىن ئۈچنى يېتىلدۈرۈپ، ناھىيە رايونى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىسىدىن 20نى بەرپا قىلىپ ھەم يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا باشلامچىسىدىن 100نى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەر بازارلىرىغا كىرگۈزۈش ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى يېزا بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك.

«لايىھە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاساسىي گەۋدىسىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشلامچى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ھەم مۇلازىمەت سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق، كەسىپ بەلبېغىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بۇ يىل ئىچىدە يېڭىدىن 300 كارخانىنى توردىكى چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا چىقىرىپ، يىللىق سېتىش سوممىسى 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 50 يەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاساسىي گەۋدىسىنى يۆلەش پىلانلاندى.

مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، «لايىھە»دە مۇنداق تەكىتلەندى: «كەنتتە بىۋاسىتە كۆرسىتىش» «زاۋۇتتا بىۋاسىتە كۆرسىتىش» قاتارلىق خاس بىۋاسىتە كۆرسىتىش ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، نەق مەيدان خاراكتېرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا، قىزىقىش خاراكتېرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەرنى كېڭەيتىپ، ناھىيە رايونلىرىدىكى سودا تور نۇقتىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى «تەمىنلەش زەنجىرى ئۆتەڭ ئىسكىلاتى + بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسى»دىن ئىبارەت بىرىكمە كەسىپ ھالىتىگە ئۆستۈرۈشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. 5G، نەرسە تورى تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، ۋاكالىتەن سېتىش، ئاقىل ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتلەرنى كېڭەيتىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە «بىر پونكىت شەكلى»دە تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكە مەدەت بېرىپ، ناھىيە رايونلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىدە كەسىپلىشىش، سۈپەتلىكلىشىشكە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

«لايىھە»دە يەنە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «شىنجاڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرى»نىڭ بازارغا كىرىش يولىنى بەرپا قىلىپ، «ئالاقە تورى +» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كەنتتىن چىقىرىپ شەھەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلار، يېشىل ئورگانىك يېمەكلىكلەرنى ئېتىراپ قىلىش ھەم گۇۋاھنامە بىلەن سېتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، يىل ئىچىدە ئۆلچەملەشكەن ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمەت پونكىتىدىن 5000نى قۇرۇپ چىقىش؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانما ساندۇقىنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، «يولۇچى تىرانسپورتى، يۈك تىرانسپورتى، پوچتا» يۇغۇرما تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ راۋان، توسالغۇسىز يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى «لايىھە»دىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىدارى مۇكەممەل، خاسلىقى گەۋدىلىك، يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك بولغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىسىدىن 20نى يېتىلدۈرۈشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەستانىلەر سانى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا باشلامچىسىدىن ئوننى، مەستانىلەر سانى 10 مىڭدىن ئاشىدىغان يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا باشلامچىسىدىن 90نى يېتىلدۈرۈپ، كەسپىي بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا سېپىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، «لايىھە»دە يەنە يېزا ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ۋە داڭلىق ماركا يېتىشتۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردا ئورتاق تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېز يوللانمىلارنى كەنتلەرگە يەتكۈزۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، ناھىيە دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، خاس مەھسۇلاتلارنى مەھسۇلات لايىھەلەش، سىنغا ئېلىش، ھۆججەت پىلانلاش، داڭلىق ماركىلارنى كېڭەيتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بويىچە كۆپ تارماق بىرلەشمە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەركەزنىڭ مۇلازىمەت كەسپى مەبلىغى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ناھىيە رايونى سودا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان» نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىكى قالايمىقان ئەھۋاللارنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.