تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«پەقەت پۇلنىلا قايتۇرۇش» ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ!

   3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالى بابا گۇرۇھى قارمىقىدىكى 1688 سۇپىسى «ياخشى سودا يىغىنى»دا، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ «پەقەت پۇلنىلا قايتۇرۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سۇپا تاۋارنىڭ سۈپەت مەسىلىسىگە ئائىت سودا ماجرالىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھېسابات نومۇرىنىڭ سەمىمىيەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدۇ، تەلەپكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە سۇپا مەبلەغ چىقىرىپ سېتىۋالغۇچىغا ياردەم پۇل بېرىدۇ. سودىگەرلەر ئالاقىدار خىراجەتلەرنى ئۈستىگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ، ياردەم پۇل بېرىلگەندىن كېيىن، تاۋارنى قايتۇرۇش ھاجەتسىز، باشقا پۇل قايتۇرۇش ئىلتىماسىنى سودىگەرلەر ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

مەنبە: مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.