شىنجاڭدا چېچەك سەيلىسى پەسلى باشلاندى
ھەرقايسى جايلار زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، باھاردىكى رومانتىك ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى
باھاردىكى گۈزەل مەنزىرە چېچەكتىن باشلىنىدۇ. تۇرپان شەھىرى، كۈنەس ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا ھەممىدىن ئاۋۋال ئېچىلغان ئۆرۈك چېچەكلىرى شىنجاڭنىڭ چېچەك سەيلىسى مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ئۆرۈك چېچىكىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى چېچەك سەيلىسى بايرىمىنى ھەم مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى بەرپا قىلىشقا باشلىدى، ساياھەت كوپىراتىپلىرىمۇ پائال تۈردە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.
تۇرپاندىكى ئۆرۈك چېچىكىنىڭ «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» دېگەن نامى بار. بۇ يىل، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى ئۆرۈك چېچىكىنى ۋاسىتە قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى تۇرپانغا كېلىپ باھاردا ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلدى. شۇ جايدىكى ئۆرۈك چېچىكى باش تېمىسىدىكى پائالىيەت 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى باشلىنىدۇ، ئاساسىي پائالىيەت مەيدانى توقسۇن ناھىيەسىدە، ھەربىر رايون، ناھىيەدە شۆبە مەيدان تەسىس قىلىنىدۇ، ئۆرۈك چېچىكى پەسلى مەزگىلىدە 100 مەيداندىن ئارتۇق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «ئۆرۈك چېچىكى پەسلى تۇرپاندا پۈتۈن رايون، پۈتۈن پەسىل، ئومۇمىي خەلق ساياھىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتتى. بۇ يىل، بىز پەرقلىق تەسىراتنى ئاساس قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ھەم چېچەك سەيلىسى قىلىپ، ھەم قۇمغا نەزەر سېلىپ، گۈل دېڭىزىدا خۇشاللىققا ئېرىشىش، قۇم دېڭىزىدا شادلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».
ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرۇپ قېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، تۇرپان شەھىرى چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن قويۇش، مۇقام ئورۇنلاش، يېزا ئىگىلىك پارنىكىدا مېۋە ئۈزۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى قاتارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. ساياھەتچىلەر توقسۇن ناھىيەسىدە ئۆرۈك چېچىكىدىن ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن، ئىدىقۇت رايونىغا بېرىپ يار بازىرىنى ئايلانسا، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن كەچلىك بازارنى ھېس قىلسا، يالقۇنتاغ ئېتىكىگە بېرىپ غەربكە ساياھەت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشسا، پىچان ناھىيەسىگە بېرىپ قۇملۇق باھارى مۇزىكا كاتتا مەرىكىسىنى ھېس قىلسا، ئۈزۈم ھاراقچىلىقى شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدۇ. ئۆرۈكلۈك باغدا يەنە بېقىلغان توخۇ، توشقان گۆشلىرىنى تېتىپ بېقىش، پارنىكتا غورا، ساۋمېي ئۈزۈش قاتارلىق ئۆزگىچە ھېس قىلىش بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
چېچەك سەيلىسى قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، تۇرپان شەھىرىدىكى 3A دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەنزىرە رايونلىرى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى ھەم كەسىپ ھالىتىنى بېيىتتى. 3 - ئاينىڭ بېشىدا ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدى.
ۋاڭخۇڭ چېچەك سەيلىسى جايى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدا 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مۇھىتنى تۈزەش باشلاندى. تۈرگېن يېزىسى جىنسې شىڭخۇا ساياھەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ دىرېكتورى قۇۋانالې ئەلىمبېكنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇلار چېچەك مەزگىلىدىن مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان، مۆلچەرلىنىشىچە، چىڭمىڭ بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە بۇ جاي باش چېچەك مەزگىلىگە كىرىدىكەن، «بۇ يىل، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېڭىدىن كۆپلىگەن داكا نۇقتىسى كۆپەيتىلىپ، پائالىيەتلەر تېخىمۇ موللاشتۇرۇلىدىكەن».
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «جاھاندىكى تۆت پەسىل . چېچەكلەر ئېچىلغان ئىلى» بويىچە يەتتە ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ لىنىيە باھار تۈسىگە چۆمگەن ئىلى − دەريا ۋادىسىدا چېچەك سەيلىسى قىلىش فوتو سۈرەت ساياھىتى، ئىلىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەت − گۈل - گىياھقا پۈركەنگەن يايلاقتىكى رومانتىك ساياھەت قاتارلىق باش تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يېزا - كەنت ساياھىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئۆز ئاپتوموبىل دالا لاگېرى قاتارلىق ئامىللار بىرىكتۈرۈلگەن. ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىش ۋە پەن - مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى فېڭ جېنلېي مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل چېچەك سەيلىسى بىلەن خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ھېس قىلىش، تەتقىقات - ئۆگىنىش ۋە پىيادە مېڭىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، كۆپ خىل ئەتىيازلىق ساياھەت بازىرى بەرپا قىلىمىز».
چېچەك سەيلىسى شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق ساياھەت قىزىق نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ئاۋات پەسىلدىكى ساياھەتچىلىكنىڭ مۇھىم تولۇقلىغۇچىسى بولۇپ قالدى. شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى 2 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ ساياھەتچىلەر مەنبەسىنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەر 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا يولغا چىقىدۇ، ساياھەت لىنىيەسى تۇرپان، ئىلى دەرياسى ۋادىسى ھەم پامىر ئېگىزلىكى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن قىزىق نۇقتىلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلى ئايروپىلان، ئۆز ئاپتوموبىل، ئوق پويىز قاتارلىق كۆپ خىل بىرىكمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شىنجاڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ فېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «<چېچەك سەيلىسى +> مەھسۇلاتلىرى كۈنسېرى موللاشتى، ساغلاملىق كۈتۈنۈش، مەززىلىك تائاملار، تەتقىقات - ئۆگىنىش قاتارلىق باغلىنىشلىق تۈرلەرنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولدى».
شىنجاڭ لوۋلەن جىنجوۋ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گاۋ جياڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئېگىزلىك ئۆرۈك چېچىكى ساياھىتىنىڭ بەش كۈندىن 12 كۈنگىچە بولغان كۆپ خىل تەييار مەھسۇلاتىنى شەكىللەندۈردى، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا مەسلىھەت بېرىش مىقدارى تېز ئاشتى. شىنجاڭ جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى خېرىدارلار توپىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ياشلارغا قارىتا يېرىم ئەركىن سەپەرگە چىقىشنى يولغا قويۇپ، ياشانغان ساياھەتچىلەرگە ئۆمەككە قاتنىشىپ ئاستا رىتىملىق ساياھەت قىلىشنى لايىھەلەپ بەردى ھەم شىجى مەنزىرە نۇقتىسى قاتارلىق ۋاڭخۇڭ يەر بەلگىسىنى ساياھەت مۇساپىسىگە كىرگۈزدى.