تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۈچ تارماق: تۇزنى ئازايتىش، ياغنى ئازايتىش، شېكەرنى ئازايتىش ھەرىكىتى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلىدۇ

     يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى «جۇڭگو يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق تەرەققىيات پىروگراممىسى (2025-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا، ساغلام تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

    تۇزنى ئازايتىش، ياغنى ئازايتىش، شېكەرنى ئازايتىش ھەرىكىتى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلۇپ، قۇۋۋەتلىك، ساغلام تاماق تىزىملىكى ۋە تاماق تەڭشەش تېخنىكىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، تۇز، ياغ، شېكەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش ئىدىيەسى ۋە مىقدارلاشتۇرۇش ئەسۋابلىرى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ.

    قۇۋۋەتلىك، ساغلام ئاشخانا قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئالاقىدار ساھە، جەمئىيەتلەرنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تۈركۈم قۇۋۋەتلىك، ساغلام يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئائىلىلەرنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا تاماق ئېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

    مەركىزىي ئاشخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىپ، ئاقىل ساقلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاماق ئېتىش، ئاشخانىدىكى قالدۇق نەرسىلەرنى قولايلىق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاشخانا سايمانلىرىنى ئىشلىتىش كېڭەيتىلىدۇ. يېمەك-ئىچمەككە ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ قۇۋۋەتلىك، ساغلام قورۇما تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  «​جۇڭگو ئاخبارات تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.