تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىن ئۈچ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى مەملىكەت بويىچە 2-تۈركۈمدىكى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى تىپ ئۆرنىكى»غا تاللاندى

  3-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھكىمىسى «2-تۈركۈمدىكى <غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى تىپ ئۆرنىكى> نامزاتىغا كۆرسىتىش ئىسىملىكى توغرىسىدا ئېلان»نى تارقاتتى، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى بىلەن، 51 تىپ ئۆرنىكى 2-تۈركۈمدىكى <غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى تىپ ئۆرنىكى>غا تاللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىن ئۈچ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى تىپ ئۆرنىكى بولۇپ تاللاندى.

   بۇ ئۈچ تىپ ئۆرنىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىدىكى جيايىن قولدا چالغۇ ياساش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرىدىكى خوتەن شەھەرلىك جىيا لىرېن ئەتلەس توقۇش-بوياش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى، بىڭتۇەن 3-شى تۇمشۇق شەھىرىدىكى تۇمشۇق كۇلالچىلىق سەنئىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى.

 

   ئىگىلىنىشىچە، «جۇڭگو شىنجاڭدىكى خەلق ئىچى چالغۇلىرىنى قولدا ياساش بىرىجى كەنتى» دېگەن گۈزەل نامى بار توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدە، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق دېھقان قولدا چالغۇ ياسىيالايدىكەن، 2014-يىلى قۇرۇلغان جيايىن چالغۇ ياساش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ خېلى كۆلەملەشكەن چالغۇ ياساش كەسىپلەر باغچىسىغا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە، جاي كەنتى چالغۇ ياساش كەسپى ئارقىلىق تونۇلغاندىن كىيىن، يەنە ساياھەتچىلىك، يېمەك-ئىچمەك، باغۋەنچىلىك، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنىڭ گۈللىنىشىگە، كۆپ خىل كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان.

  خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسىنىڭ «ئەتلەس ماكانى» دېگەن چىرايلىق نامى بار بولۇپ، ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك ئەتلەس توقۇيدىغانلار بار. خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدىكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسىجىيا لىرېن ئەتلەس توقۇش-بوياش ھۈنەرخانىسىغا كىرسىڭىز، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان تەرتىپلىك مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. ئىشچىلار قولىدىكى موكىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتىپ، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ئەتلەسكە نەپىس نەقىش قىلىپ توقۇيدۇ. بۇ يەردە لايىھەلەنگەن ئەتلەسنىڭ نۇسخىسى 30 نەچچە خىلغا يېتىدىغان بولۇپ، ھەممىسى كۆزنى قاماشتۇرۇپ، جاي-جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بەس-بەستە كېلىشكە جەلپ قىلىدۇ.

  3-شى تۇمشۇق شەھىرىنىڭ كۇلالچىلىق بۇيۇملىرىنى ياساش ۋە پىشۇرۇش ھۈنەر-سەنئىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، شۇ جايدىكى كىشىلەر ساپال لېيى، يۇلغۇن ۋە چىنار قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى پىشۇرغان ھەم بۇ جەرياندا تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، قېلىپتا كۇلالچىلىق بۇيۇملىرىنى ياساش ۋە پىشۇرۇشنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل ھۈنەر-سەنئىتىنى ياراتقان. تۇمشۇق شەھىرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسىتۇمشۇق كولالچىلىق سەنئىتى ھۈنەرخانىسىغا كىرسە، ئوماق ساپال توشقان، نەپىس چەينەك، رەڭدار چىراغ... شەكلى، رولى ھەر خىل بولغان يېڭىچە كولالچىلىق بۇيۇملىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن خۇمداندىن چىققانلىقىنى، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇنى قولىدىن چۈشۈرمەي تاماشا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.

   ئىگىلىنىشىچە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى دېگىنىمىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى ياكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىگە تايىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىدىكەن، ئۇ ھەرقايسى جايلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى قانات يايدۇرۇشىغا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىدىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.