2025-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
3-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى بولغان جىڭتەيلەن رەسىمى ۋارىسى، شىنجاڭ ھۈنەر-سەنئەت ئۇستازى لى خۇا جىڭتەيلەن رەسىمى ھۈنىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەربىر ئەسىرىدە تۆھپىسى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. جىڭتەيلەن رەسىمى ياساش ماھارىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا بارلىققا كەلگەن، مىڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭتەي يىللىرىدا ھۈنەر-سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن، ئۇنىڭدا ئالتۇن سىم ياكى مىس سىم نەقىش بويىچە ئىگىپ شەكىلگە كەلتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئىش تەرتىپى مۇرەككەپ، 2006-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
«كۆرۈنۈشتىكى شىنجاڭ» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى