تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مالىيە مىنىستىرلىقى: يەسلى مائارىپىنى ھەقسىز قىلىش تەدرىجىي يولغا قويۇلۇپ، ئائىلە تەربىيەسى چىقىمىنىڭ بېسىمى يېنىكلىتىلىدۇ

    3-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى «سىجىل كۈچ چىقىرىش، يەنىمۇ كۈچەش» ئارقىلىق مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىدۇ، چىقىمنى ئازايتىش ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى ئاشۇرۇلىدۇ.

    مالىيە مىنىستىرلىقى ئىقتىساد قۇرۇلۇشى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى فۇ جىنلىڭ مۇنداق بىلدۈردى: قىسمەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، سىياسەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە دىرىنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، يەسلى مائارىپىنى ھەقسىز قىلىشنى تەدرىجىي يولغا قويۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئائىلە تەربىيەسى چىقىمىنىڭ بېسىمى يېنىكلىتىلىدۇ.

     مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: 2025-يىلى، مەركەز مالىيەسى مەركەزنىڭ شۇ دەرىجىلىك مائارىپ چىقىمى ۋە يەرلىككە قارىتىلغان مائارىپ يۆتكىمە چىقىم سالمىقىنى زورايتىپ، مائارىپ چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تولۇق كۇرس سىغىمىنى كېڭەيتىش ۋە ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇس ساپ ئېقىپ كىرگەن رايونلارنىڭ مائارىپ بايلىقى تەمىناتىنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىدۇ.

     بۇنىڭدىن باشقا، مالىيە مىنىستىرلىقى بالىلارنى بېقىش ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.