تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى: 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 60 ياشتىن ئاشقان يولۇچىلار پويىزغا ئولتۇرسا، بېلەت سوممىسىنىڭ 15 ھەسسىسى بويىچە جۇغلانما نومۇردىن بەھرىمەن بولىدۇ

   مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «تۆمۈريولدا راۋان يۈرۈش (铁路畅行)» دائىملىق يولۇچى ئەزالار مۇلازىمىتى ئاساسىدا، 60 ياشقا توشقان ياشانغان يولۇچىلار بېلەت سېتىۋېلىپ پويىزغا ئولتۇرغاندا، تېخىمۇ زور دەرىجىدە جۇغلانما نومۇر ئېتىبارى يولغا قويۇلىدىكەن، جۇغلانما نومۇرنى پويىز بېلىتىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن.

    يېڭى بەلگىلىمىدە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 60 ياشقا توشقان دائىملىق يولۇچى ئەزالار يولۇچىلار پويىزىغا ئولتۇرغاندا، بېلەت يۈزىدىكى سوممىنىڭ 15 ھەسسىسى بويىچە جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىدۇ، يەنى 1000 يۈەن پۇل خەجلەپ پويىزغا ئولتۇرسا، 15 مىڭ جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىدۇ، جۇغلانما نومۇرنى پويىز بېلىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولغاندا 150 يۈەنگە توغرىلاپ ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ، ئادەتتىكى دائىملىق يولۇچى ئەزالارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

  دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى يولۇچى توشۇش بۆلۈمى توشۇش بەلگىلىمىسى-توشۇش باھاسى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شۈ يەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، تۆمۈريولنىڭ دائىملىق يولۇچى ئەزالىرى بېلەت سېتىۋېلىپ پويىزغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، بېلەت سوممىسىنىڭ بەش ھەسسىسى بويىچە جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشەلەيدۇ، جۇغلانما نومۇرنى ئۆزى ياكى بەلگىلەنگەن ئىشلەتكۈچى پويىز بېلىتىگە ئالماشتۇرالايدۇ، پويىز بېلىتىنى ئالماشتۇرغاندا 100 جۇغلانما نومۇرنى بىر يۈەن خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئالماشتۇرۇلغان پويىز بېلىتىنى بىر قېتىم ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ ھەم جۇغلانما نومۇرنى بېلەتنى ئۆزگەرتىش ھەققى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بېلەت قايتۇرۇش، بېكەتكە بېرىپ ئۆزگەرتىش كەسپىنى بېجىرىشكە بولمايدۇ.

   بۇ مەسئۇل خادىم يەنە جۇغلانما نومۇر ئالماشتۇرۇش ئېتىبارىنىڭ ساياھەت پويىزى ۋە خەلقئارا پويىزنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دائىملىق يولۇچى ئەزالار مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار قائىدىلەرنى تۆمۈريول 12306 تور بېكىتى، ئابۇنىچىلار تېرمىنالى (Appسى) ۋە 12306 يولۇچىلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. «تۆمۈريولدا راۋان يۈرۈش» دائىملىق يولۇچىلار ئەزالىقىغا تىزىملاتمىغان ياشانغان يولۇچىلار تۆمۈريول 12306 تور بېكىتى، ئابۇنىچىلار تېرمىنالى  (Appسى) ۋە ۋوگزالنىڭ ئەزالىق كۆزنىكىدىن ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلسىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ جۇغلانما نومۇر ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

(رادىيو-تېلېۋىزىيە باش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جېڭ ليەنكەي)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.