تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتى» قاتارلىق ئاغرىق نۇقتا ھەل قىلىنىدۇ

   ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇزارتىشقا يول قويۇلمايدۇ

   بۈگۈن (3- ئاينىڭ 17- كۈنى) چۈشتىن كېيىن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئالتە تارماقنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چۇنلىن باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشتا ھەرقايسى تەرەپتىكى سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ، «ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتى لايىھەسى»دە مالىيە- باج، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ، سېلىنما قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئىقتىساد، جەمئىيەت سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەم تۈرگە مەبلەغ سېلىش، مالىيە مەبلىغى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتى، ئىستېمال ئارقىلىق يار- يۆلەك بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي مەبلەغ سېلىنمىسى بار، ھەم ماكرو سىياسەت يۈزلىنىشى بىلەن بىردەك بولغانلىقىنى باھالاش، پۇل مۇئامىلە كىرېدىتى، ئىستاتىستىكا تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش،  دەم ئېلىش- ئارام ئېلىش ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەت مەدىتى بار.

   مەسىلەن، ئىنكاس گەۋدىلىك بولغان «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى» قاتارلىق ئاغرىق نۇقتىلارغا قارىتا، لايىھەدە مەخسۇس «دەم ئېلىش- ئارام ئېلىش ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش» توغرىسىدا ئالاقىدار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇزارتىشقا بولمايدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلاستىك ھالدا يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي دەم ئېلىشقا ئىلھام بېرىپ، شارائىتى بار جايلارنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتىيازلىق، كۈزلۈك تەتىلىنى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش  ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، لايىھەنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمال بازىرىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئىستېمال تەمىناتى بولىدۇ، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ يۈكسىلىش ۋە قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.