ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يىن لۇ خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتىدە 6-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭدا جەمئىي 942 كىشى بولۇپ، شىنجاڭدىن 22 كىشى تاللاندى.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىغا تاللانغان بۇ 22 كىشى كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ خەلق ئەدەبىياتى، ئەنئەنىۋى مۇزىكا، ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل، خەلق ئۆرپ-ئادىتى، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە-مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە سېرك، ئەنئەنىۋى تېببىي-دورىگەرلىك، ئەنئەنىۋى گۈزەل سەنئەت قاتارلىق كۆپلىگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت تۈرلىرى ئىچىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «ماناس»نى 40 نەچچە يىل ئېيتقان ھەم 2024-يىلى مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە نومۇر ئورۇنلىغان جاننۇر تۇرغانباي؛ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا، مەھەللە، مەكتەپ، مەدەنىيەت سارايلىرىدا «جاڭغىر»نى كۆڭۈل قويۇپ ئېيتقان ھەم ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى يېتىشتۈرگەن مەندۇلەي؛ ئۆز قولى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تىكىش ئارقىلىق تاجىك مىللىتىنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە رەڭدارلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان گۈلنىسا؛ ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكى(قۇم بىلەن داۋالاش)نى تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن ئوسمان ياسىن؛ ئۆزبېك مىللىتىنىڭ خەلق ئىچى مۇزىكىسى بولغان ئەشلە، يەللەگە پائال ۋارىسلىق قىلغان مەنسۇر زاكىر؛ يايلاق، تاغ ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش تۈرى-«قىز قۇۋار»نى داۋاملاشتۇرۇپ ھازىرقى زامان خاسلىقىغا ئىگە قىلغان كۈلەن زەيتىنار قاتارلىقلار بار.

ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەمۇرىي تارماقلىرى بېكىتكەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى جەمئىي 6980 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسىدىن 548 كىشى، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسىدىن 134 كىشى(يېڭىدىن كۆپەيگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بار.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى