تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش، يۈكنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يارىتىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىستېمال ئارزۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت، مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق ھەل قىلىش كېرەك.

بىرىنچى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، مائاش خاراكتېرلىك كىرىمنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مال - مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىلگىرى سۈرۈش، پۇلنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك مەسىلىسىنى پۇختا ھەل قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىستېمال ئىقتىدارىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قوللاش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، تۇغۇش، بېقىش كاپالەت سالمىقىنى زورايتىش، مائارىپ تىرىكىنى كۈچەيتىش، ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ شەھەر - بازارلارغا ساپ ئېقىپ كىرىشىدىكى مائارىپ بايلىقى تەمىناتىنى كېڭەيتىش كېرەك. داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، «ياشانغانلار، بالىلار» مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇش، تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىش، قار - مۇز ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش، چېگرادىن كىرىش ئىستېمالىنى راۋاجلاندۇرۇش، مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

تۆتىنچى، كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى يېڭىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، تۇرالغۇ ئىستېمالى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش، ئاپتوموبىل ئىستېمالى زەنجىرىنى ئۇزارتىش كېرەك.

بەشىنچى، ئىستېمال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئىستېمال ماركىسى ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، يېڭىچە ئىستېمالنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش، ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئالتىنچى، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، دەم ئېلىش - ئارام ئېلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش بىلەن قىسقا دەم ئېلىشنى ئۇلاپ دەم ئېلىشقا ئىلھام بېرىپ، ئېلاستىكلىق ھالدا يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي دەم ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇزارتىشقا بولمايدۇ. خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىستېمال ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

يەتتىنچى، چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش، ئەلالاشتۇرۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئىستېمال چەكلىمىسىنى تەرتىپلىك ئازايتىش كېرەك. ئاپتوموبىل قاتارلىق ئىستېمالدا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇشتىن ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇپ، يىل چەكلىمىسى بويىچە «ئۇزاققىچە چەك تارتىپ نومۇر تاختىسىغا ئېرىشەلمىگەن» ئاپتوموبىلسىز ئائىلىلەرنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

«لايىھە»دە يەنە قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.